UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا شاكىر

موللا شاكىر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى موللا شاكىر 1805 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپاندا ئىلىم - مەرىپەت ئىگىلەش، تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكەن. شائىرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدىكى قىسمەن مەلۇماتلارنى ئۇنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر ئەسرى - «زەفەرنامە» دىن ئالغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ھەققىدە باشقا ماتېرىياللارغا ئېگە ئەمەسمىز.«زەفەرنامە» دىن مەلۇم بولۇشىچە، شائىر موللا شاكىر تارىخىي تېمىغا بېغىشلانغان بۇ داستانىنى ھىجرىيىنىڭ 1283 - يىلى ( مىلادىيە 1866 - 1867 - يىللار) 61 يېشىدا يېزىپ چىققان. ئەسەر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنەۋى شەكىلدە يېزىلغان 3720 مىسرا بېيىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شائىر «زەفەرنامە» نىڭ خاتىمىسىدە بۇ ئەسەرنى بەش ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى، تىلى، شېئىرنىڭ ئۆز تارىخىي مەلۇماتلىرىنىڭ ئېنىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىدە خېلى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسەردە 1864 - يىللىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا قارشى كۇچاردىن كۆتۈرۈلۇپ، پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيگەن خەلق قوزغىلىڭى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەھرىمانلارچە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ۋە غەلىبىلىرى، قوزغىلاڭ يېتەكچىلىرىدىن راشىدىن خوجا قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلۈش بىلەن بىللە سايىد ھېكىمبەگكە ئوخشاش خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ خىيانەتكارانە قىلمىشلىرى پاش قىلىنىدۇ. چىڭ ھاكىمىيىتى ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يەرلىك فېئودال - پومېشچىكلار بىلەن بىرلىشىپ ھەر مىللەت خەلقىگە سالغان زۇلۇم - ئۇقۇبەتلىرى پاكىتلار ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىنىدۇ. «زەفەرنامە» مۇھىم پاكىت قىممىتىگە ئىگە تارىخىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەزى يۇرت ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق رىۋايەتلەرنى، شىنجاڭدىكى بەزى جايلارنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ۋە يەر تۈزۈلۈشىگە دائىر بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك ئىلمىي، بەدىئىي ئەسەردۇر. شائىر ئۆز داستانىدا تۇغلۇق تۆمۈر خانىدىن كېيىن بولغۇسۇن، كۇسەند، شەھرى بەربەر، ئەردەۋىل دېگەن يەر ناملىرىنىڭ ئىلى، كۇچا، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ دېگەن ناملارغا ئۆزگىرىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. «فەزنامە» نىڭ قول يازما نۇسخىسىنى قۇمۇللۇق شاكىر ئىمام 1923 - يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، 1955 - يىلى ئىيۇندا شىنجاڭ تارىخىي مۇزېيىغا ھەدىيە قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا شاكىر | UyghurWiki | UyghurWiki