سەيپىدىن ئەزىزى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، يازغۇچى، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىرى 1915 - يىلى ئاتۇشتا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەلۇماتىنى دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئالغان، كېيىنچە قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەم قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. سەيپىدىن ئەزىزى 1936 - يىلى تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگىلەش ئىستىكى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، تاشكەنىتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1943 - يىلى غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ ئىنقىلابىي ئارمىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە كاتىب، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، <ئالغا> گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن؛ كېيىنچە، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. سەيپىدىن ئەزىرى 1949 - يىلى بېيجىغا بېرىپ، جۇڭگو خەلق سوت سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنڭ 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا ھەم دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەمىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
سەيپىدىن ئەزىزى ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارغا ئىگە، پىكرى چوڭقۇر، يېزىش ماھارىتى ئۈستۈن ھەم مول ھوسۇللۇق ئەدىب، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1938 - يىلى چۆچەكتە چىقىدىغان <يېڭى ھايات> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <يېتىم توختى> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ <سېغىنىش>، <سالام، پاختەكلە>، <قەلەم> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <زامانقۇل>، <مەنزىرە>، <ئاچچىق خاتىرە>، <شانلىق قۇربان>، <قىساس>، <ئەۋلىيا ئاتا>، <مەنىلىك سۆھبەت> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <تۇنجى پويىز ئاۋازى>، <ئانا خىتابى>، <قىزىل لاچىن>، <ھەيرانى پاراڭلىرى>، <پاقىنىڭ قونداققا چىقىشى> قاتارلىق نەسر ۋە مەسەللەرنى؛ شۇنداقلا چوڭ ھەجىملىك <سوتۇق بۇغراخان> رومانىنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان.
سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر درامىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان دراماتورگلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ، 40 - يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچە دراما ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <شانلىق غەلبە>، <چاقىرىلمىغان مېھمان>، <كۈرەش يولى>، <ئاماننىسا> قاتارلىق درامىلارنى يازغان. ئۇنىڭ درامىلىرى ئاساسەن زور تارىخىي ۋەقە، تارىخىي شەخسلەرنى تېما قىلغان بولۇپ، كۈچلۈك دەۋر روھىغا، كەسكىن دراماتىك توقۇنۇشقا ئىگە.
سەيپىدىن ئەزىزى ساپ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن باشقا يەنە ئوچېرك، ئەدەبىي خاتىرە، تارىخىي ئەسلىمە، بىئوگرافىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، خەلقىمىزنىڭ، يۇرتىمىزنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، شۇ تارىخىي دەۋرلەرنى ئوخشاشمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۈچ توملۇق <ئۈمۈر داستانى>، <تەڭرىتاغ بۈركۈتى> ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان.
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىلگىرى <بۇغدا سادالىرى>، <بوران قوشاقلىرى> قاتارلىق ئەدەبىي توپلاملىرى نەشر قىلىنغان، 80 - يىللاردىن كېيىن نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلىرىدىن <ئاماننىساخان> (1980 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق درامىسى، <سۇتۇق بۇغراخان> (1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <تەڭرىتاغ بۈركۈتى> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسى، <ئەۋلىيا ئاتا> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق نەسرىي ئەسەرلەر ۋە شېئىرلار توپلىمى، <ئۆمۈر داستانى> (1 -، 2 - قىسىم، 1990 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.