توختىھاجى روزى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە يازغۇچى توختىھاجى روزى 1943 - يىلى ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىگە تەۋە ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، 1951 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1958 - يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1962 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ، تاكى 1980 - يىلغىچە يەكەن، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى، تەشۋىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر فاكۇلتېت مۇدىرى.
توختىھاجى روزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1959 - يىلى شېئىر بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ، نۇرغۇن شېئىر، ھېكايە - پوۋېستلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.
توختىھاجى روزىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <زۇمرەت> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ئەقىدە> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى بار.
توختىھاجى روزى ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.