UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقادىربەگ ھاجىم

قادىربەگ ھاجىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قادىربەگ ھاجىم 1868 - يىلى قەشقەر شەھەر ئۆستەڭبويى باغ كوچىسىدا بىر كارخانىچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 102 ياشلىق ھاياتىدا، 70 يىل كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قادىربەگ ھاجىمنىڭ قەشقەر يارباغ دەرۋازا تېشى تۈمەنبويىدا تېرەكلىك لەڭزىگە تۇتاش سېلىنغان 3000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئىشخانىسى (زاۋۇتى) بولغان. بۇ ئورۇندا ماشىنچىلىق، تېرە پىششىقلاش، جۇۋا تىكىش، يۇڭ تاللاش (پرىيوم)، توقۇمىچىلىق، ئۇلاغ جابدۇقى ياساش، قەنت - گېزەك، ناۋات ياساش قاتارلىق يەتتە ئىشخانا (سېخ) بولغان. بۇنىڭدا ياز كۈنلىرى 1000 ئىشچى، قىش كۈنلىرى شاگىرت ۋە باشقا خىزمەتچىلەر بولۇپ ئالتە يۈزدىن يەتتە يۈزگىچە ئىشچى ئىشلىگەن. مەزكۇر يەتتە سېختا ئىشلەنگەن ھەربىي لازىملىق ياكى بازارغا سېلىنىدىغان بۇيۇملار شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ھەربىيلەرگە ۋە بازارلارغا سېلىناتتى. قادىربەگ ھاجىم مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ، مەكتەپلەرگە ۋە يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىشتىن باشقا، ئەلاچى ئوقۇغان بالىلارغا قەغەز - قەلەم ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار مۇكاپات بەرگەن. 1932 - يىلى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قىينالغان بىر بىچارە دېھقاننىڭ قىزىنى قەرز ئۈچۈن گۆرەكەش ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنى بىلگەن قادىربەگ ھاجى گۆرەكەشكە نۇرغۇن پۇل بېرىپ قىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. قادىربەگ ھاجىمنىڭ كارخانىسىدا تولاراق يېتىم بالىلار بولۇپ، ئۇلارنى ئاخىرغىچە تەربىيە بىلەن ئۆستۈرۈپ قاتارغا قوشقان. شۇنداقلارنىڭ ئالدى ھازىر 8 ياشقا كىرگەن. قادىربەگ ھاجى داۋاملىق دېگۈدەك ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خالىسانە ياردەم بەرگەن. 1937 - يىلى ياپونغا قارشى ئىئانە توپلاش ۋاقتىدا قەشقەردىن ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتتا ئالتۇن ياردەم قىلىپ، ئالدىنقى سەپكە قىشلىق كىيىم - كېچەك ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرغان. بىر ناھىيە بىر ئايروپىلان ياردەم قىلىش دېگەن چاقىرىققا 5000 سەر كۈمۈش بەرگەنلىكىنى بىلىدىغانلار بار. 1948 - يىلى قەشقەر تۈمەن دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكىنى سەل ئېلىپ كەتكەندە، ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىپ ياساشقا ياردەم بەرگەن. 1950 - يىلى چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ۋاقتىدا 1000 سەر كۈمۈش بەرگەن. شۇ يىلى ئىلىمىز تارقاتقان زايومدىن 1050 پاي زايوم ئالغان. بۇنىڭ قىممىتى 3700 سەر كۈمۈش بىلەن باراۋەر ئىدى. 1950 - يىلى خەلق ھۆكۈمىتى بىر قىسىم يېتىم بالىلار ۋە يولدىن ئازغانلارنى يىغىۋالغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە تەكلىپ بېرىپ، ئۇلارغا كەسپ ئۆگىتىشنى ئۈستىگە ئالغان، نەتىجىدە كۆپلىگەن كىشىلەر كەسپ ئۆگىنىپ ھايات يولىغا ئىگە بولغان. 1956 - يىلى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋاقتىدا، ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە كىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ چارۋا مەھسۇلاتلىرى شىركىتىدە ئىشلەپ، كارخانىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بولغان قادىربەگ ھاجىم 1970 - يىلى 102 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قادىربەگ ھاجىم | UyghurWiki | UyghurWiki