UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەھزۇن

مەھزۇن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر مەھزۇننىڭ («مەھزۇن») شائىرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى بولۇپ «غەمكىن» دېگەن مەنىدە ئىسمى ۋە تەرجىمىھالى مەلۇم ئەمەس. بىز شائىرنىڭ ھاياتى ۋە يۇرتىغا دائىر پاكىتلارنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالىمىز. شائىرنىڭ يۇرت كېزىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ئۆز يۇرتىنى سېغىنىپ: «مېنى مەھزۇن نېتەي بۇ غۇربەت ئىچرە، خوتەن مۈلكى مېنىڭ ئېردى دىيارىم.» «مەھزۇن خوتەنگە ئالتىشەھەر چار باغىدىن، كەچكىل مۇقامى ئەسلىغەيان، ئۆز دىيار خوپ.» دەپ يازغان مىسرالىرىدىن ۋە بىر شېئىرىدا 18 - ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن خوجا ئىسھاقنى تىلىغا ئالغانلىقىغا ئاساسلىنىپ، مەھزۇن تەخەللۇسلۇق بۇ شائىرنىڭ خوتەنلىك ئىكەنلىكىن، 18 - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەنلىكىنى بىلىمىز. شائىر قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلارنى كېزىپ يۈرگىنىدە، جەننەت سۈپەت دىيارى - خوتەننى كېچە - كۈندۈز سېغىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ بارغانلىقى ياكى ئالتىشەھەرنىڭ بىرەرسىدە ۋاپات بولغانلىقى بەلگىسىز. شائىردىن بىزگە قالغىنى ھەر خىل تېمىدىكى لىرىك شېئىرلاردىن تۈزۈلگەن بىر قول يازما دىۋان بولۇپ، دىۋاننىڭ باش - ئاخىرى تولۇق بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قاچان پۈتۈلگەنلىكى، ئاپتور قەلىمىگە ياكى باشقا بىر كاتىپ قەلىمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. «دىۋان مەھزۇن» 45 غەزەل ۋە مۇنازىرە تېمىسىدىكى بىر ئىبرەتلىك شېئىردىن تۈزۈلگەن. «قوغۇنلار ئۆز ئارا ھۆرمەت تالاشتى» دېگەن مىسرا بىلەن باشلانغان، مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئېپىك شېئىرىي ئەسەر تىپىگە كىرىدىغان ئاخىرقى شېئىرىدا شائىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا كۆزگە چېلىقىدىغان «مېۋىلەر مۇنازىسى» («شەكەرىستان») تېمىسىغا مۇراجىئەت قىلىپ، قوغۇنلارنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق خوتەن جەمئىيىتىدىكى سانسىز چوڭ - كىچىك فېئودال ھۆكۈمران، ئەمەلدرلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇم - ستەملىرىنى، نەپسانىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق رەزىل قىلمىشلىرىنى قاتتىق ھەجۋى قىلىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، شائىرنىڭ بۇ شېئىرىنى خوتەندىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا يازغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. شائىر مەھزۇننىڭ شېئىرلىرى ئاممىباب، تىلى يېنىك، راۋان بولۇشتەك، شۇنداقلا، 18 - ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن شېۋىسىگە ئائىت بىرمۇنچە تەرەپلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي تىل تەتقىقاتىمىزدا مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە مىراس ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەھزۇن | UyghurWiki | UyghurWiki