رەبغۇزى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتىنىڭ 13 - ئەسىردىن كېيىنكى يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرى ناسىرىددىن بۇرھانىدىن ئوغلى رەبغۇزىدۇر.
رەبغۇزى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ، ئىجاد قىلغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئايرىم مەنبەلەردە رەبغۇزىنىڭ خارەزىم ۋادىسىدىكى «رەبات ئوغۇز» دېگەن جايدا ياشىغانلىقى ۋە قازى كالان بولغانلىقى قەيد قىلىنىدۇ.
رەبغۇزى شەرق ئەدەبىياتى، ئىسلام تارىخى ۋە پەلسەپىسى قاتارلىق ئىلىملار بويىچە ئۆز دەۋرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن بۈيۈك ئالىمى بولغان. ئۇ يالغۇز ئۆز بەدىئىي ئىجادىيىتى بىلەنلا ئەمەس، يەنە بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇر سۈپىتىدىمۇ ئەينى دەۋر ئىسلامىيەت دۇنياسىغا تونۇلغان.
ناسرىددىن رەبغۇزى ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى بولۇپ سانىلىدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ مەشھۇر «قىسسەئى رەبغۇزى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يازغۇچى بۇ ئەسىرىنى پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە تارىخىي قىسسەلەرگە ئاساسەن 1309 - 1310 - يىللىرى يېزىپ چىققان. ئەسەر 72 بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئەسەردىكى قىسسەلەر ئىچىدە «يۈسۈپ - زۇلەيخا» قىسسىسى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. بۇ ئەنئەنىۋى تېمىنى مەشھۇر پارس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسى (934 - 1020) دىن كېيىن رەبغۇزى ئىجادىي يوسۇندا قايتا ئىشلەپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. «قىسسەئى رەبغۇزى» ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلى بويىچە، خاقانىيە (ئۇيغۇر) لەھجەسىدە يېزىلغان.
ناسىرىددىن رەبغۇزى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدە قەھرىمانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئادالەت، ھەققانىيەت، پاك سۆيگۈ، سەمىمىي دوستلۇق توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى مۇكەممەل بەدىئىي ماھارەت بىلەن چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. «قىسسەئى رەبغۇزى» ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنى، بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. بۇ ئەسەر 1859 - يىلىدىن 1881 - يىلىغىچە قازان شەھىرىدە ئارقا - ئارقىدىن بەش نۆۋەت نەشىر قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. ئەسەرنىڭ مىلادىيە 1669 - يىلى كۆچۈرۈلگەن قول يازما نۇسخىغا ئاساسلىنىپ تەييارلانغان «يۈسۈپ - زۇلەيخا» قىسسەسى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىلى نەشىر قىلىندى. بۇ نەشرىيات 1988 - يىلى ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نامىدا نەشىر قىلدى. خەلق ئارىسىدا بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نامىدا نەشىر قىلدى. خەلق ئارىسىدا بۇ ئەسەرنىڭ ئوخشىمىغان قول يازما نۇسخىلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ناسرىددىن بۇرھانىدىن ئوغلى رەبغۇزىنىڭ «قىسسەئى رەبغۇزى» (كېيىنكى قول يازمىلار ۋە نەشرىي نۇسخىلاردا «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دەپمۇ ئاتالغان) ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ئەينى دەۋردىكى كلاسسىك پروزىمىز ۋە پوئىزىيىمىزنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆگىنىش، ئەدەبىي تىلىنى تەنقىد قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز قىممىتىنى ئەسىرلەر بويى ساقلاپ قالىدۇ.