UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىلېتىپ رازىق

لېتىپ رازىق

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى لېتىپ رازىق 1947 - يىل 4 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كەلپىندە ئوقۇپ تاماملاپ، 1964 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، 1967 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. لېتىپ رازىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1979 - يىلى <يېڭى قاشتېشى> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <ساداقەت> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بىكار ئاۋارە بوپسىز>، <شەپقەتچى>، <ئۇستاز مېھرى>، <شېرىن ئايدىكى پاجىئە>، <تاللاش> قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. لېتىپ رازىق يەنە <شاھزادە جانان پالۋان>، <چۈمبەل ئاستىدىكى شۇملۇق>، <ئوقۇتقۇچى>، <داستىخان> قاتارلىق كىنو سىنارىيىسى ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ يەنە <لوگىكا ئاتالغۇلىرى ھەققىدە سوئال - جاۋابلار> ناملىق كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. لېتىپ رازىقنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن <مۈڭگۈزدىكى ئامەت> (مۇتەللىپ سىيىت بىلەن بىللە، 1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <تەقدىر، چاقچىقىڭنى قوي> (1991 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ كىنو سىنارىيلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. لېتىپ رازىق ھازىر ئالىي لېكتور، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى