ئابدۇلئەھەت ئىسمايىل
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئابدۇلئەھەت ئىسمايىل 1950 - يىلى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1965 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەۋەبلىك ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، پەيزىۋاتقا قايتا تەربىيە ئالغىلى بارغان، 1973 - يىلدىن باشلاپ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، 1985 - يىلىدىنتارتىپ ھازىرغىچە <قەشقەر گېزىتى>دە مۇخبىر - مۇھەررىر.
ئابدۇلئەھەت ئىسمايىل 1975 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ۋىجدان نەزمىلىرى>، <يۇلتۇزلارغا قاراپ>، <يۈرەك ئوغرىسى>، <مۇقام ئىشقى>، <مېھنەت قەسىدىسى> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېلان قىلدۇرغان، بولۇپمۇ <شۈكۈر دېدىم>، <ئۆزۈمنىڭ شورى> قاتارلىق شېئىرلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
ئابدۇلئەھەت ئىسمايىل يەنە دراما ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <بەڭۋاش قىز>، <ۋاپادار ئېشەك>، <قوغۇنلۇقتىكى لەتىپە> قاتارلىق درامىلارنى يازغان. <بەڭۋاش قىز>درامىسى سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، سەھنە - تېلېۋىزۇرلاردا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 1995 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ <يۈرەك ئوغرىسى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
ئابدۇلئەھەت ئىسمايىل ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.