UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھېلىمنىياز قادىر

ھېلىمنىياز قادىر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ھېلىمنىياز قادىر 1938 - يىل 8 - ئايدا پىچان ناھىيسى دالانكارىز يېزىسىدا دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، 1952 - يىل 7 - ئايغىچە ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ، شۇ يىلى 9 - ئايدىن 1955 - يىل 2 - ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2 - دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ھېلىمنىياز قادىر ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە 1959 - يىلى <ئاممىۋى كۇلۇب> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <ئېتىز گۈلى رەيھانەم> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، كېيىنچە ئاساسەن ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئانا نەسىھەتى>، <ئېگىزگە ئۆسكەن ئاپتاپپەرەس> قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئاساسەن بالىلارغا بېغىشلانغان. ئۇ يەنە <تاڭ ئالدىدىكى تۇمان>، <ئەلۋىدا ئايجامال> قاتارلىق پوۋېستلارنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. ھېلىمنىياز قادىرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كۆكلەش> (1988 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئايبۇلاق> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ھېلىمجان قادىر ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھېلىمنىياز قادىر | UyghurWiki | UyghurWiki