UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن

مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تۇردى ئاخۇن 1881 - يىلى 5 - ئايدا يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر سازەندە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 75 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، 1956 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قەشقەردە ۋاپات بولدى. تۇردى ئاخۇن كىچىكىدىن تارتىپ مۇزىكىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. 12 يېشىدىلا دادىسى تەۋەككۈلدىن <ئون ئىككى مۇقام> نى ئۆگىنىشكە باشلىدى (ئۇنىڭ دادىسى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى ئىدى) ۋە دادىسىنىڭ چىڭ تەربىيىسى ئاستىدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداشلىق بېرىپ، ياخشى چېنىقىپ، ئاقىۋەت 20 يېشىغا يەتكەندە <ئون ئىككى مۇقام> نى تولۇق ئۆگىنىپ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا ئەللىك نەچچە يىل ناخشا ۋە سازەندىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە بىلىدىغان سەنئەتچىگە ئايلىنىپ قالدى. تۇردى ئاخۇن سەنئەت ئىشلىرىغا جىددىي قارايتتى. ناخشا ئوقۇغان ۋاقتىدا پۈتن ۋۇجۇدى بىەن سازغا بېرىلەتتى. ئۇنىڭ ناخشىسىمۇ ئۆزىگە خاس گۈزەل ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان كۈچكە ئىگە بولدى. ئۇزۇن يىللار داۋامىدا سازەندىلىك بىلەن ھايات كەچۈرگەنلىكىدىن ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىغا ئىنتايىن باي ئىدى. ئۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ۋە تۈگەپ كېتىشكە ئازلا قالغان كونا خەلق ناخشىلىرىنى ياخشى بىلەتتى. لېكىن كونا جەمئىيەتتە تۇردى ئاخۇننىڭ تالانتى ئېتىۋارغا ئېلىنمىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى ساتارى بىلەن ناخشا ئوقۇپ، سەرگەردانچىلىقتا ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، تۇردى ئاخۇن ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاياغلاشتۇردى ۋە پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ئالاھىدە ئېتىۋارىغا ئىگە بولدى. 1952 - يىلى يەكەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. 1955 - يىلى قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىدىمۇ شۇ خىزمەتنى ئىشلىدى. 1951 - ۋە 1954 - يىللىرى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىنىپ، <ئون ئىككى مۇقام> نى رەتلەش خىزمىتىگە قاتناشقانىدى. ئۇ چەكسىز قىزغىنلىقى ۋە پىداكارانە ئەمگەك روھى بىلەن <ئون ئىككى مۇقام> نى قىلچىمۇ قالدۇرماستىن سىمغا ئالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، تۇردى ئاخۇن قىممەتلىك مىللىي مۇزىكا مىراسى بولغان <ئون ئىككى مۇقام> نىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ ئالىيجاناب ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇپ، 1954 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن | UyghurWiki | UyghurWiki