فالىنوف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىۋان ياكوۋلىۋىچ فالىنوف ئەسلىدە گۋاردىيىچىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، شەرق ئىشلىرىنى پىششىق بىلىدىغان ھەربىي مۇتەخەسسىس. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىر <12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى> گە قاتناشقان. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، فالىنوف ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ھەربىي مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1938 - يىلى تەكلىپ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارىدۇ ۋە 1942 -، 1943 - يىللىرى ئەنجان، ئوش ئەتراپىدا شىنجاڭلىق مۇھاجىر ئۇيغۇر ياشلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئۆزبېك ياشلىرىدىن 200 دەك ئەسكەر ئېلىپ، ھەربىي مەشىق قىلدۇرىدۇ. شۇ يىللاردا تاشقورغان تاغلىرىدا ھەربىي رازۋېدكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1943 - يىلى ئىسھاقبېك سوۋېتكە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، ئىككى چوڭ ئەترەت قۇرۇپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزىدۇ. شۇ كۈنلەردە فالىنوف مۇسكۋاغا چاقىرتىلىدۇ. كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىلىغا كېلىپ، ئىلىدا كۆتۈرۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇ كۈنلەردە ھەرەمباغ، شىخۇ، چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلىدۇ. 1945 - يىلى 7 - ئايدا قاراخان نامى بىلەن تاشقورغانغا كېلىپ، 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 -، 16 - كۈنلىرى قوزغالغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ تاشقورغاننى بازا قىلغان گومىنداڭغا قارشى قوزغىلىڭىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. فالىنوف - قاراخان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز تىللىرىنى راۋان سۆزلەيتتى.