ئەسئەت ئىسھاقوۋ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تاتار خەلقىنىڭ سادىق پەرزەنتى پېشقەدەم زىيالى رەھبەر ئەسئەت ئىسھاقوۋ 1912 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھيىسىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىنى دۆربىلىجىندە ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ دادىسى تۆمۈر غەلى 1928 - يىلى سودا - تىجارەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى. ئۇ شۇ زاماننىڭ تەرەققىپەرۋەر كىشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، مائارىپنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەر ۋە يەرلىك زىيالىلار تەشكىل قىلغان يېڭىچە مەكتەپكە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ ھېسابات ئىشلىرىنى خالىس باشقۇردى. ئەسئەت ئىسھاقوۋ ئۈرۈمچىگە كېلىش بىلەن ئەنە مەكتەپتە (بۇ مەكتەپ كېيىن 6 - مەكتەپ دەپ ئاتالدى) ئوقۇپ باشلانغۇچنى تۈگەتتى.
ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى (ئوتتۇرا ئاسىيا) غا ئوقۇغۇچى چىقارغاندا ئەسئەت ئىساقوۋ ئۆزىنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن ئەنۋەر خانبابا، ئۇيغۇر سايرانى، نۇسرەت شەھىدى ۋە يەنە تۆت نەپەر خەنزۇ بالا بىلەن بىرگە ئۆزى راسىخوت چىقىرىپ موسكۋاغا ئوقۇشقا باردى.
40 - يىللارنىڭ باشلىرىدا شېڭ شىسەي ئىچكى جەھەتتىن باشقىچە يول تۇتۇپ، ئىنقىلاب ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە، موسكۋادا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئەسئەت ئىسھاقوۋ قاتارلىق كۇرسانتلار ئالى مەكتەپكە كىرىشتىن مەھرۇم قېلىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق ئۇشېڭ شىسەي تەرىپىدىن غۇلجا كۈرەگە سۈرگۈن قىلىندى.
غۇلجا شەھىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندا، ئۇ ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلىدى. 1945 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇ ئىلى گېزىتى ئىدارىسىدە مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولدى. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىدا شتاب ئوفىتسېرى بولدى. بېتىمدىن كېيىن، ئۇ 1948 - يىلى ئىلىدا تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭدا تىنچلىق، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ تەشكىلى ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىبى بولۇپ ئىشلىدى. 1948 - يىلى 8 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماقچى بولۇپ سەپەرگە چىققاندا، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋىسىيىسى بىلەن « شىنجاڭدا تىنچلىق، دېموكراتىيىنى ھىمايە» قىلىش ئىتتىپاقى» غا ۋاقىتلىق مەسئۇل بولدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئايروپىلان ھادىسىسىگە يولۇققاندىن كېيىن «شىنجاڭدا تىنچىلىق، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى نامىدا 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رەئىس ماۋزېدۇڭغا تېلېگرامما يوللىدى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەئىس ماۋزېدۇڭ ئەسئەت ئىسھاقوۋغا جاۋاب تېلېگىرامما ئەۋەتتى.
ئەسئەت ئىسھاقوۋ 1950 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولدى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، 1953 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە شىنجاڭ شۆبە بيورو تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. 1956 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.
1976 - يىلى ئەسئەت ئىسھاقوۋ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا «تۆت كىشىلىك گوروھ» تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى.