UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەفرىدۇن ۋاڭ

ئەفرىدۇن ۋاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەفرىدۇن خوجا مۇھەممەت سەئىد ۋاڭنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، 1821-يىلى قەشقەردە تۇغۇلىدۇ. 1826-يىلى يازدا جاھانگىر خوجا قەشقەردىكى خوجىلار بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەرنى پاراكەندە قىلىشقا باشلىغاندا، مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ ھەر ئېھتىمالغا قارشى بەش ياشلىق ئوغلى ئەفرىدۇننى ئانىسى خوشنارە خېنىم بىلەن كىشىلەرنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا خوتەن - چاقىلىق يولى ئارقىلىق لۈكچۈنگە يولغا سالىدۇ. بۇ قېتىمقى توپىلاڭدا مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ ئۆلىدۇ. توپىلاڭدىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ چىڭ سۇلالىسىگە سادىق بولۇپ، توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ئەفرىدۇنغا جۈنۋاڭلىق مەنسىپى بېرىپ يارلىق چۈشۈرىدۇ. 1865- يىلى 1- ئايدا قوقەنتلىك ياقۇپبەگ ئېلىمىز چىگراسى ئىچىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قەشقەر، يەكەنلەرنى ئىشغال قىلىپ، «بەدۆلەت» نامى بىلەن شىنجاڭدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. 0870 - يىلى 3 - ئايدا ياقۇپبەگ داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىپ، تۇرپان، لۈكچۈنلەرنى ئىشغال قىلىپ، خەلقنى قانلىق قىرغىن قىلىدۇ. ئافرىدۇن ۋاڭنىڭ ئوردىسىنى تالان - تاراج قىلىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭغا خانغا ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بارلىق سوۋغا - سالاملىرى ۋە ئوردا خەزىنىسىدىكى مال - دۇنيالىرىنى تارتىۋالىدۇ. ئۆزىنى ھەپسىگە ئېلىپ، قەشقەرەە ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن دىلى قاتتىق ئازار يېىگەن ئافرىدۇن ۋاڭ قەشقەرەە بارغاندىن كېيىن ئەقلىدىن ئېزىپ، ساراڭ بولۇپ قالىدۇ ۋە 1872 - يىلى ياقۇپبەگ تەرىپىدىن قەل قىلىنىدۇ. ئەفرىدۇن ۋاڭ 1827 - يىلىدىن 1873 - يىلىغىچە 46 يىل جۈنۋاڭ بولۇپ تۇرۇش جەريانىدا لۈكچۈندىكى كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىپ ياسىتىپ، شەھەرنى كېڭەيتىپ سېپىل سالدۇرىدۇ ھەمدە تۇرپان كونا شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەفرىدۇن ۋاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki