UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىجانىبەگ

جانىبەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 1910 - يىل 11 - ئايدا، روسيە تاتارىستان ئۆلكىسىنىڭ قازان شەھىرىدە نەشىر قىلىنىدىغان «شۇرا» نامىلىق ژۇرنالدا بىر بابى ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىككە مەلۇم بولغان، بېرلىن شەھەرىدىكى پروسىيە پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسى شەرق بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان «ئۆلگتۈلمىش ئوغلى جانىبەگ ۋە ئۇنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى» نامىلىق يېرىك تارىخىي قىسە ئەدەبىياتىمىزغا جانبەگدىن ئىبارەت بۇ ئەدىبنى ئېلىپ كىردى. «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1 - بابىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، جانبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ بايان ئاۋۇل ئۇرۇقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئانا يۇرتى ئىسىق كۆل بويىلىرى ئىدى. ئۇ كىىچىكىدىن ئوقيا ئېتىشقا، چەۋەندازلىققا ھەۋەس قىلغان ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەن. 15 يېشىدا چىڭگىزخان ئەسكەرلىرىگە قېتىلىپ،چىڭگىزخان ۋە نەۋرىسى باتۇرخان قوشۇنىدا جەڭچى، خەۋەرچى بولغان. ئۇ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئاساسىدا بۇ تارىخىي قىسىنى يېزىپ چىققان. جانىبەگ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «...... ئۇيغۇر قۇۋمىدىن ئۆلگتۈلمىش ئوغلىغا قەدەر چىڭگىزخاننىڭ ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ھەم ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئوغلى ئايىزكۇرخان دەپ باتۇرخاننىڭ تارىخنى بۈگۈنگىچە ھېچ كىشى يازماپتۇ. مەن بىر ئاجىز بەندە. كۆپ يىللار قاغان ھەم ئوغۇللىرى، ئوغلىنىڭ ئوغلى ئايزكۇخان بىلەن ئات چاپتۇرۇپ، ئۇرۇش قلىغانلىقىمدىن بېشىمدىن كەچۈرگەنلىرىمنى يازار بولدۇم. ئۆز خەلقىمىز بۇلارنى ئوقۇپ دۇنيانى ئېلىش ئۈچۈن نەقەدەر تىرىشپ، قانچە مۇشەققەتلەرنى كۆرۈپ، كۆپ ئۇرۇشلارنى قىلغانلىقىمىزنى بىلىشسۇن. يات ئەللەرنىڭ كۆزىمىز كۆرگەن خەۋەرلىرىنى بىلىشسۇن. » بۇلاردىن بىز يازغۇچى جانىبەگنىڭ 13 - ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى باتۇرخان ئېلىپ بارغان ئىستىلاھچىلىق ئۇرۇشى ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى تارىخىي قىسسە ئىلكەنلىكىنى بىلىۋالىمىز.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
جانىبەگ | UyghurWiki | UyghurWiki