مىرزا ئەھمەت ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كۇچا، ئاقسۇ، يەكەن قاتارلىق جايلاردا ۋاڭ بولغان مىرزا ئەھمەت ۋاڭ روھلۇق، ئىرادىلىك ئالىم، ئۆلىما، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا سادىق كىشى بولۇپ، بۇخارالىق موللا كېرەم داموللانىڭ «ئاقايىن» (غقايىن) دېگەن كىتابىدا مىرزا ئەھمەت ۋاڭنىڭ مەسچىت، مەدرىسە، خانىقا بىنا قىلغانلىقى، يېتىم - يېسىرلارغا رەھىمدىل، قولى ئوچۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. مىرزا ئەھمەت ۋاڭ 1862 - يىلى يەكەننىڭ ھاكىملىقىدىن قالدۇرۇلۇپ كۇچادا يارلىق ساقلاپ تۇرغان مەزگىلدە كۇچادا، كۇچالىق ئۇيغۇر ئاللاياربەگ، خۇيزۇ ماشىزا ئاخۇنلار باشچىلىقىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ غەلىبە قىلىدۇ. مىرزا ئەھمەت ۋاڭ «ئەي خالايىق، خىتاي خەلقى ناھايىتى جىق، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتنىڭ قاشقىسى بولساق، ئۇلار ئاتنىڭ تۈكىدىنمۇ تولا، تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ. مەن ئاتا - بوۋامدىن تارتىپ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن. ئۇلار دىنسىز بولسىمۇ، تۇزنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماق لازىم. مەن خاندىن يۈز ئۆرۈمەيمەن. كىمنى خالىساڭلار شۇنى باشلىق قىلىڭلار، 70 ياشقا كىردىم. باشقا ئارزۇيۇم يوق» دەيدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئۇنىڭ سۆزىگە غەزەپلىنىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ھىجرىيە 1281 - يىلى كۆكگۈمبەزلىكتىكى ۋاڭلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. («تارىخىي ھەمىدىيە» دىن ئېلىندى).