سوپاخۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سوپاخۇن سوپۇر ئوغلى 1915 - يىلى قۇمۇل ناھىيە ئاستانە يېزىسىدا تۇغۇلىدۇ. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن يېتىم قىلىپ، ئانىسىنىڭ قولىدا تەربىيلىنىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. كېيىن بالا ئىشچى بولۇپ باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. 1936 - يىلى 5 - ئايدا ئاستانە يېزىسىدا تۇنجى ئېچىلغان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خۇراڭپۇ شۆبە ھەربىي مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. 1939 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قەشقەردىكى 6 - ئاتلىق دىۋىزىيە 31 - تۇەنىگە تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۇ مەزگىلدە سوپاخۇن قىسىمىدا پەيجاڭ، ليەنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. كېيىن 31 - تۇەن تۇرپانغا يۆتكىلىدۇ ۋە 1942 - يىلى 31 - تۇەن تۇرپاندا تەرتىپكە سېلىنىپ قىسىم قىسقارتىلىپ، 6 - پىيادە ئەسكەرلەر يىڭىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، سوپاخۇنمۇ قىسقارتىۋىتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سوپاخۇن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئوفىتسېرلەر يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شېڭ شىچى (شېڭ شىسەينىڭ ئىنىسى) بىلەن تونۇشىدۇ. سوپاخۇن ئۇنىڭغا تۇرپاندىكى ئىككى ئۇيغۇر ليەنىنى شېڭ شىچىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۇەنىگە قوشۇۋېلىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ، شېڭ شىچى تەڭلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. نەتىجىدە سوپاخۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن پەۋقۇلئاددە تۇەننىڭ 9 - ليەنىگە ليەنجاڭ بولىدۇ. تۇرپاندىن ئېلىپ چىقىلغان ھېسامىدىن 8 - ليەنگە لەينجاڭ، ھاكى قۇربان مۇئاۋىن لەينجاڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1930 - يىللاردا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان بىر قىسىم پىشقەدەم ئوفىتسېر، جەڭچىلەر قايتا جەم بولىدۇ. 1944 - يىلى ئوسمان ئالتاي، مورى، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردا گومىنداڭغا تەھىت سالىدۇ. گومىنداڭ ھەربىي، مەمۇرلىرى 8 -، 9 - ليەندىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى ئوسمان بىلەن ئۇرۇش قىلشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ قىسم گۇچۇڭ، مورىلاردا ئوسماننى مەغلۇپ قىلىدۇ، خەلق سوپاخۇننى ماختىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ھېسامىدىن بىلەن ھاكى سوپاخۇنغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، گومىنداڭ قوماندانلىق شتابىغا <سوپاخۇن خەلق بىلەن ئەسكەرلەرنى قۇترىتىپ گومىنداڭغا قارشى قويىداتىدۇ> دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ مەلۇمات بىلەن سوپاخۇن تۈرمىگە قامايدۇ، بىر قىسىم خەلق ۋە ئەسكەرلەر سوپاخۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوپاخۇن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 9 - ليەنىدە گومىنداڭنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا گومىنداڭغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1944 - يىلى 4 - ئايدا گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى 8 -، 9 - لىيەنىنى مايتاغقا ئايروپىلان ئىستانىسىنى قوغداشقا يۆتكەيدۇ.
سوپاخۇن مايتاغدا بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاب بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر قىسىم جەڭچى - ئوفىتسېرلار بىلەن مەسلىھەت قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلىدۇ. 8 -، 9 - ليەندىكى ئىلغار جەڭچى، ئوفېتسىرلار سوپاخۇننى قوللايدۇ. ھاكى قۇربان، ھىسامىدىنلار قارشى تۇرۇپ گومىداڭغا سوپاخۇننىڭ قوزغىلاڭ قىلماقچى بولغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇيرۇققا بىنائەن سوپاخۇننى ئېتىپ تاشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولغانلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ. سوپاخۇن ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىگە تاقابىل تۇرۇپ، 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 1930 - يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ قاتناشچىلىرى بولغان 125 نەپەر جەڭچى، كوماندىرنى باشلاپ، شىخو، مايتاغ، جىڭ ئەتراپىدىكى دۈشمەن بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ، گومىنداڭ قىسىمىنىڭ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ، بورتالاغا بېرىپ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن غەلبىلىك ئۇچرىشىپ، مىللىي ئارمىيە سېپىغا قوشۇلىدۇ. سوپاخۇن 1945 - يىلى 7 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 120 نەپەر جەڭچىنى ئاساس قىلغان ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىل قىلىپ ئاقسۇغا بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىي كۈچىگە تاكتىكىلىق ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى چۈچۈتۈپ ئالاقزادە قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە ھۇجۇم قىلىشىنى تىزگىنلەپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ شىخۇغا ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت يارىتىش ئىدى. سوپاخۇن بۇ ۋەزىپىنى غەلبىلىك ئورۇنلايدۇ. ئۇ ئۈچ ۋىلايەتتە بولغان مەزگىلدە پودپولكوۋنىڭ ئۇنۋانى بىلەن تېكەس ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، كۆرسەتكەن خىزمىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئوردىن بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.
1949 - يىلى شىجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. پولكوۋنىڭ سوپاخۇن شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1951 - يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونى تەسىس قىلغان كوماندىرلار ئىدىيە ئۆزگەرتىش سىياسى كۇرسىغا قاتنىشىپ ئىدىيە ئۆزگەرتىدۇ. كېيىن، ئۈچكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە سوپاخۇنغا مۇھاپىزەتچى بولغان ئەمەت ئەيسانىڭ <سوپاخۇن بىزنىڭ رېئاكسىئون تەشكىلاتىمىزنىڭ غوللۇق ئەزاسى> دېگەن تۆھمىتىگە ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە سوپاخۇن يەتتە ئاي قاماپ قويۇلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىدىن خۇلاسە چىقىرىلماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ تۇەنجاڭ دەرىجىسى يىڭجاڭ دەرىجىسىگە تۆۋەنلىتىلىپ، 1955 - يىلى ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇلۇپ، قاتناش نازارىتى تاشيول ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن سوپاخۇن ئۈستىدىكى ناھەق دىلو تەكشۈرۈلۈپ، (79) 270 - نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىلىپ سوپاخۇن گۇناھسىز، دەپ ئېلان رايونى 45 - نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، سوپاخۇننىڭ نامىنى، مۇئاش ۋە دەرىجىسىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 1981 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 158 - نومۇرلۇق ھۆججەت بىلەن سوپاخۇننى قاتناش نازارىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭدىن بويان سوپاخۇن تىنچ تۇرمۇش شارائىتىدا 1930 -، 1940 - يىللاردا شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن، ئۆزى قاتناشقان، ياكى كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ھەربىي، سىياسىي ئىشلارغا دائىر ھەر قايسى مەسلىلىلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق ئەسلىمە يېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.