ھايات شۇنداق
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەخەت تۇردىنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1991 - يىل 8 - ئايدا نەشر قىلغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشى كۆپ تەرەپلىمە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ رماندا، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. روماندا، ھىدايەت قاتارلىق بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ۋىجدانلىق، كەسىپكە ماھىر ئىلغار زىيالىيلار بىلەن، مەرۇپ ئاقساقال ۋەكىللىكىدىكى بيۇروكرات، مەنپەئەتپەرەس، پەزىلەتسىز كىشلەر ۋە ئەدھەم قاتارلىق خۇشامەتچى، قارا نىيەت، مەنپەئەتپەرەس، ساختا زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن زىددىيەت - توقۇنۇشلار يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. رومان مەرۇپ ئاقساقال، ئەدھەم قاتارلىق كىشلەرنىڭ يامان غەرىزىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، ھىدايەت قاتارلىق توغرا، ھالال كىشلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان. روماندا مەركىزىي شەھەر تۇرمۇشى، زىيالىيلار ھاياتى ئەمەلىي ھەم قايىل قىلارلىق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق ھەقىقىي، چىن ھەم يەنە كۆپ تەرەپلىمە، رەڭدار قىلىپ سۈرەتلەنگەن.