UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىتېيىپچان ھادى

تېيىپچان ھادى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى يازغۇچى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى تېيىپچان ھادى 1922 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ بوۋىسى ھادى ھاجىم دىنىي ئۆلىما ئىدى. تېيىپچان ھادى 1933 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە غۇلجىدىكى روشەن مەكتەپتە، 1939 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1942 - يىلىدىن 1944 - يىلى نويابىرغىچە غۇلجىدىكى ئىلى مەكتىپىدە (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتە) ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە شۇ چاغلاردىن باشلاپ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1943 - يىلى 9 - ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىر كۈنلۈك ياتلىق» ناملىق ھېكايىسى ئېلان قىلىنىدۇ. تېيىپچان ھادى 1944 - يىلى نويابىردا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، 1946 - يىلىغىچە ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلات بۆلۈمىدە كاتىپ، يەر - سۇ نازارىتى ۋە بانكىغا مەسئۇل كاتىپ بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1946 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىرلىك سەپ ساھەسىدە تەشۋىقات، تەرغىبات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە كاتىپلىققا بەلگىلىنىدۇ. ئۇ بۇ خىزمەتنى 1952 - يىلى 3 - ئايغا قەدەر بەلگىلىنىدۇ. ئۇ بۇ خىزمەتنى 1952 - يىلى 3- ئايغا قەدەر ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سودا - سانائەتچىلەر ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقە زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئىلىدىكى ئاتاقىلىق مەسچىت، مازار، يۈزلۈكلەر، ھەتتا ئىلىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭ، باغ قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىپ، ئىلى تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن ماتېرىيال توپلايدۇ. بىراق، 1952 - يىلى پېشكەللىككە ئۇچراپ، 1982 - يىلىغا قەدەر رىيازەت چېكىدۇ. 1982 - يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» مەجمۇئەسىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى، ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. تېيىپچان ھادى 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، «پالۋان كەلدى»، «چورۇق ھېكىم»، «ئاق ئۆستىڭىم، ئاق»، «چىن مودەن»، «ئۆچكە دۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر» باتۇر كەلدى قاتارلىق، تارىخىي ھېكايىلەرنى، «خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى» ۋە « ئىلى گۇڭ، بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى»، «ئىلى خەلقىنىڭ بىر قانچە تارىخىي ناخشىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە»، «غۇلجا ناخشىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە»، «غۇلجا شەھىرىدىكى مەشھۇر تۆت باغ»، «سادىر پالۋان ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان قوشاقلىرى ھەققىدە»، «غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھىرى توغرىسىدا»، « چىڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشلىرى» قاتارلىق تارىختا ئائىت ماقاللىرىنى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ «ئىلى تارىخىدىن ئىزلار» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ئاياغلاشتۇرالماي 1989 - يىلى 21 - مارتتا بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى