مۇھەممەتخان ھاجى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مۇھەممەتخان ھاجى 1907 - يىلى قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزىسىدا بوياقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاجى ھاجىم ئائىلسىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
1917 - يىلىدىن باشلاپ دادىسىدىن بوياقچىلىق، گۈل بېسىش كەسپىنى ئۆگىنىدۇ. 1925 - يىلى دۇكان ئايرىپ مۇستەقىل كەسپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تىجارەت ۋە كەسپ دائىرىسى كېڭىيىپ، قەشقەردىكى داڭلىق كاسىپلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بوياقچىلىق كەسپىگە ئېلىپ - سېتىش ۋە ماتاچىلىق كەسپىنى قوشۇپ، چوڭ سودىگەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
1936 - يىلى قەشقەردە خۇسۇسىي سودىگەرلەر قۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىدىغان تىنچلىق شىركىتىگە پايچېك بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، سودىدىكى تەدبىرچانلىقى بىلەن شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بولىدۇ ۋە بۇ مەزگىلدە سېتىش، سېتىۋېلىش ياكى چەتكە چىقىرىش، كىرگۈزۈش ئىشلىرىدا شىركەتنى كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شىركىتى قەشقەردىكى داڭلىق 13 شىركەتنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
1943 - يىلى تىنچلىق شىركىتى تارقىتىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، سودا قىلىدۇ. شۇ جەرياندا ھەج تاۋاپ قىلىپ كېلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھاكىمىيەتنى ھىمايە قىلىدۇ. جۈملىدىن 1951 - يىلى خەلق ۋەكىلى بولۇپ، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ. 1951 - يىلى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشەنگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىدە مۇھەممەتخان 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ياردەم قىلىدۇ. پىدائىيلاردىن ھال سوراش ئۆمىكى قەشقەرگە كەلگەندە، 110 مىليون ئۆلكە پۇلى ياردەم بېرىدۇ. ۋە شۇ يىلى تۇنجى قېتىملىق تارقىتىلغان «غالبىيەت» زايومىدىن 102 سەر ئالتۇنغا زايوم سېتىۋالىدۇ. ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى ۋاقتىدا ناھىيىلىك ئىسلاھات ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
مۇھەممەتخان ھاجى 1952 - يىلىدىن كېيىن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك سىياسىيى كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ۋە ھەيئەت مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1956 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جۇغلاشتا، ئۆز نامىدىن 10 مىليون يۈەنلىك قايتا قۇرغان تىنچلىق شىركەت نامىدىن 30 مىليون يۈەنلىك قۇرۇلۇش زايومى سېتىۋالىدۇ. 1956 - يىلى خۇسۇسىي سودىغا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغاندا، تىنچلىق شىركىتىگە قوشقان بارلىق كاپىتالى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىدىكى شىركەتكە قوشۇلىدۇ. 1959 - يىلى مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر يىغىنىدا ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان دەسمايىسى ۋە نەق ساقلىنىۋاتقان 107 سەر ئالتۇن، 64 دانە ئون سوملۇق تىللا قاتارلىق نەق ئالتۇنلىرىنى تەكسى باھادا بانكىغا سېتىپ بېرىش بىلەن بىللە 800 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي - جايىنى سودا - سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە تەقدىم قىلىدۇ.
مۇھەممەتخان ھاجى 1962 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قەشقەر گۇرۇپپىسىدا پىكىر بايان قىلىۋېتىپ، تويۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈرۈپ، دوختۇرغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، جان ئۈزىدۇ، ئۇ ۋاپات بولغاندا 55 ياشتا ئىدى.