سابىت ئەپەندىم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
سابىت ئىبراھىم 1898 - يىلى ئۈستىن ئاتۇش ئىكساق يېزىسىدا قول ھۈنەرۋەن ئىبراھىم ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، ئىكساقتىكى ھۈسەينىيە مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. كېيىن دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ ئەنجاندا ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىدۇ.
1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنجاندا تەسىس قىلىنغان مۇھاجىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ئاز كۈن ئوقۇغاندىن كېيىن ئىكساقتا ساۋاتىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن تاشكەنتتىكى ئىشچىلار مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا ئىلغار تەشكىلاتلارغا قاتنىشىدۇ. 1928 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىكساقتىكى ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىلى 7 - ئايدا ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلۈپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا - مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، سوۋېتكە ئوقۇغۇچى چىقارماق بولىدۇ، مىللىي مەكتەپ قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1929 - يىلى ئىكساق ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئالدۇرۇپ، مائارىپ نازارىتى ئارقىلىق ئۇلارنى جايلارغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىدۇ. سابىت ئىبراھىم شۇ قاتاردا دەسلەپ تۇرپانغا تەقسىم قىلىنىپ، ئېلى ئەپەندى دېگەن تاتار بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. كېيىن گۇچۇڭ، مورى، ئالتايدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىللاردا قۇتۇبىدىن ئۆيلىنىدۇ.
1933 - يىلىنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەنسۇر ئەپەندى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەردە تۇنجى قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى بىلەن مەدرىسەلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا قەشقەر ساقچى مەسئۇلى ئابدۇقادىر ھاجى، ھەمزەبايوپ نۇرھاجى، مائارىپ خادىملىرىدىن ئابدۇقادىر سىدىقى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەردىن مامۇتخان ئولاي، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى 7 - باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر، قوشۇمچە مائارىپ نازارىتىدە ئىشخانا مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بالا چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان نازىر ئابدۇللا داموللىغا ياردەملىشىدۇ. 1936 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىگە باشلىق، قەشقەردە تۇنجى قۇرۇلغان قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە مۇدىر بولىدۇ. بۇ يىللاردا قەشقەر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ قەشقەردە ئاياللار مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ. شۇ يىللاردا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە قاسىم ئەپەندى (قاسىم قازاق)، بەي ۋىنيۈ (خۇيزۇ)، ئەمەت تۇەنجاڭ، ئابدۇقادىر سىدىقى، مامۇتخان ئولاي قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ماتېرىيالىزملىق پەلسەپە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ گۇرپپىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. (بۇ گۇرۇپپىنىڭ كاتىپى ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ھازىر ئۈرۈمچىدە) 1938 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدا مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، بىلىم ئاشۇرۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1942 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1943 - يىلى قۇتۇبىگە ئائىلىسىگە كېتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ. شۇ يىللاردا ئاتالمىش خائىنلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. 1944 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1945 - يىلى تۈرمىدىن بوشىنىپ، مائارىپ نازارىتى ۋە ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئىشلەيدۇ. 1948 - يىلى قۇتۇبىغا قايتىپ، يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
ئازادلىقتىن كېيىن قۇتۇبى ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەيدۇ. 1963 - يىلى قۇتۇبىدا ۋاپات بولىدۇ.