ئوشۇر شەنجاڭ
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئوشۇر ئاخۇن 1880 - يىلى قەشقەر بەشكېرەم يېزا سۇزاق كەنتىدە ھاللىق دېھقان، قوشۇمچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موللا ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىپتىدائىي دىنىي بىلىم ئالغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چىقىپ سودا قىلىدۇ. 1902 - يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ مۇستەقىل سودا قىلىشقا باشلايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ۋىلايەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان تاشكەنت، ئەنجان قاتارلىق جايلاردا سودا بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ. 1919 - يىلى تاشكەنتتە تەسىس قىلىنغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى» دا تەربىيىلىنىدۇ.
1930 - يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسى ئوشۇر ئاخۇنغا سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋسىن تۈرك سودا باشقارمىسى بىلەن توختاملىق سودا قىلىشنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بىۋاسىتە سوۋسىن تۈرك بىلەن سودا قىلىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى سودىدا يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، مال سېتىش تىجارىتىگە قاسساپلىق كەسپىنى قوشۇپ، ئىشسىز قالغان كۆپلىگەن پوكانچىلارنى (مال سويغۇچى قاسساپلار) نى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈنىگە 250 - 300 دىن قوي، كەم دېگەندە 10 كالا سويۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي مەمۇرلارنى تەمىنلەشتىن باشقا، ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ھارۋا بىلەن گۆش ئاپىرىپ، نەق - نىسى سېتىشنى يولغا قويىدۇ. 1937 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ نەزەربەند قىلىنىپ، تۈرمىنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1945 - يىلىغىچە تۈرمىدە بولىدۇ. بۇ كۈنلەردە تۈرمىدىكى ۋەزىپىسى ئات - ئۇلاققا بىدە - سامان توشۇشتىن باشقا، كېچىلىرى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەن ھەم كېسەل بىلەن ئۆلگەن مەھبۇسلارنىڭ جەسىتىنى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بەلگىلەنگەن شىمىگو، ليۇداۋان، باداۋان، سەيۋوپۇ قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ چىقىپ جىمىقتۇرۇش ئىدى.
ئوشۇر ئاخۇن 1945 - يىلى تۈرمىدىن بوشانغاندا، قولغا ئېلىنغاندا مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى قايتۇرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تاۋار مال سودىسىدىن باشقا يەنىلا قاسساپلىق تىجارىتىنى قىلىپ داڭ چىقىرىدۇ.
ئوشۇر ئاخۇن ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونىدىن 5000 خو يەر ئېلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىدە تۇنجى بولۇپ قوغۇن تېرىشنى يولغا قويىدۇ (ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە قوغۇن تېرىلمايتتى، باشقا يەردىن يۆتكەپ كېلىنەتتى) ھەمدە 100 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي سېلىپ، يەرسىز، ئۆيسىز دېھقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. 1946 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئوشۇر ئاخۇن ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىدۇ ۋە رەسمىيەت بويىچە گومىنداڭ پارتىيسىگە ئەزا بولىدۇ. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، يەنە گومىنداڭ ھەربىيلىرى ۋە مابۇفاڭنىڭ شىنجاڭدىكى ماچنشاڭ باشچىلىقىدىكى 5 - جۈن ھەربىيلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە قاسساپ لەقىمى بىلەن ئاتالغان ئوشۇر ئاخۇن ھاكىم بولغاندىن كېيىن جامائەتچىلىككە ئوشۇر ئاخۇن ھاكىم بولغاندىن كېيىن جامائەتچىلىككە ئوشۇر شەنجاڭ نامى بىلەن تونۇلىدۇ. 1949 - يىلى 7 - ئايدا بىر تۈركۈم پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمچىلار بىلەن چەت ئەلگە قېچىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ ھىندىستان چېگراسىغا بارغاندا بۇيرۇق بىلەن قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى ئاخىرىدا قولغا ئېلىنىپ، 1950 - يىلى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1956 - يىلى مەسىلىسى قايتا تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن دۇكان ئېچىپ، كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1962 - يىلى 82 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ.