ئەھمەد زىيائى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەد زىيائى 1913 - يىلى 4 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا ئۆلىما موللا ئاخۇن ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ دادىسى موللا ئاخۇن ھاجىمدىن ئىپتىدائىي دىنىي بىلىمىنى ئالىدۇ. دادىسى قەشقەر شەھىرىدىكى چاھارسۇ <مەدرىسە> دە مۇدەررىسلىك قىلغاندا، مەدرىسە دادىسىدىن بىلىم ئالىدۇ. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئەرەب، پارس تىلىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىۋالىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. بولۇپمۇ شېئىرىيەتكە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ، تىرىشچانلىقى، زېرەكلىكى، ئىشچانلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئۇ بىر مۇشائىرە سورۇنىدا تۇنجى قار باسقان پامىر تاغ مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ پارسچە بىر مەسنەۋى ئوقۇپ، سورۇن ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. دادىسى ئۇنىڭغا شۇ سورۇندىلا زىيائى (نۇر چاچقۇچى) تەخەللۇسىنى بېرىدۇ.
ئەھمەد زىيائى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە خېلى بۇرۇنلا قەدەم تاشلىغان بولۇپ، ئۇ <گۈل ۋە بۇلبۇل> ناملىق داستاننى پارس تىلىدا يازىدۇ (بۇ ئەسەرنىڭ قول يازمىسى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقالغان).
ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 30 - يىللىرىدىن كېيىن شىنجاڭغا ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر شائىرنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھاياتىغا زور ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ 1935 - يىلىدىن باشلاپ قەشقەردە ئۇيغۇر يېڭى زامان مەتبۇئاتچىلىقىغا ئاساس سالغۇچى، مەرىپەتپەرۋەر قۇتلۇق شەۋقى تەسىس قىلغان<يېڭى ھايات> گېزىتى(كېيىنچە <شىنجاڭ قەشقەر گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن) دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. قۇتلۇق شەۋقى 1938 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن زىيائى گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەھمەد زىيائى شۇ يىللاردا <خائىن ۋاڭ جىڭۋىي>، <قارا كۈنلەر، نۇرلۇق ھايات>،< قەنت پاجىئەسى>، <تۇرمۇش سازىنىڭ بۇزۇق پەدىسى>، <پىداكارلىق مېدالى> قاتارلىق ساتىرىك ئەسەرلەرنى، ئەركىنلىككە، دېموكراتىيىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ. 1943 - يىللىرى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئەھمەد زىيائىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ، <شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ ئەدەبىيات بېتىگە مۇھەررىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شائىر بۇ گېزىتتە ئىشلىگەن بىر يىل جەريانىدا كلاسسىك شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى يازغان، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەممەت پاجىئەسى تەسۋىرلەنگەن <رابىئە - سەئىدىن> داستانىنى ئۆزگەرتىپ، ئوپېرا قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا <مۇھەببەت ۋە ھايات> قاتارلىق ماقالىلار، كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازىدۇ. ئەھمەت زىيائى 1944 - يىلى 3 - ئايدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۇ 1944 - يىلى 6 - ئايدا ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ كېتىپ، سودا كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ، پاكىستانغا چىقىدۇ ۋە بۇ سەپىرى توغرىسىدا <لاداخ يولىدا كارۋان> ناملىق ئەدەبىي خاتىرە يازىدۇ. شائىر پاكىستاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن <شىنجاڭ قەشقەر گېزىتى<> نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ ۋە <قەشقەر گېزىتى>دە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە <رابىئە - سەئىدىن> ئوپېراسىنى تولۇقلاپ يېزىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنە <ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە> ناملىق پوپلىستىك ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. <لاداخ يولىدا كارۋان> ئەدەبىي خاتىرىسى خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئوردۇچە تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەل جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ. شائىر ئازادلىق ھارپىسىدا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولىدۇ.
ئەھمەد زىيائى ئازادلىقتىن كېيىن <قەشقەر گېزىتى>، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا خىزمەت قىلىدۇ.
ئەھمەد زىيائى 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شۇ چاغدىكى قەشقەر سەيپۇللايوفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاكىسى مۇھەممەت فەيزىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەشھۇر تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەپ چىقىدۇ. (ئەپسۇسكى، <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ بۇ تەرجىمىسىنى 1953 - يىلى باشقىلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلاتى بۆلۈمىگە بېرىمىزدە ئېلىپ كېتىپ يوقىلىدۇ).
ئەھمەد زىيائى 1957 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئويغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شائىر بۇ جەرياندا <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىايتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز> ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ <رابىئە - سەئىدىن>ناملىق داستانىنى نەشرگە تەييارلايدۇ(بۇ ئەسەر<شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان). شائىر ئۇزاق ئۆتمەي <سولچىل> خاتا لۇشيەن تۈپەيلىدىن 20 يىل ئىجادىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئەھمەد زىيائى ئاقلىنىپ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە 1980 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ، ئۇ ئۇيەردە مول نەتىجىلەر يارىتىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى پارلاق نامايەندە >قۇتادغۇبىلىگ< نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەزمە شەكلىدە نەشرگە تەييارلاش خىزمىتى باشلانغاندا ئەھمەد زىيائى باشقا ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە <تارىخىي مىراس قۇتادغۇبىلىگ توغرىسىدا>، <(قۇتادغۇبىلىگ) كىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ چەت تەسىرىگە ئوچراش جەريانى> قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىلارنىڭ بەزىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بەزىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى.
ئەھمەد زىيائى يەنە جامائەتچىلىك ئېتىراپ قىلغان تىشۇناس ۋە تەرجىمان، ئۇ ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، <تارىخىي رەشىدى>،<ئىسلام پەلسەپىسى تارىخى>، <قۇتادغۇبىلىگ ئىنجۇمەلىرى>، <بۈيۈك ھون ئىمپېراتۇرلۇقى تارىخى>، <قۇتادغۇبىلىگ ئېندىكىسى> قاتارلىق تارىخىي ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. شائىر بىلال نازىمنىڭ <غازات دەرمۇلكى چىن> ناملىق ئەسىرىنى مەرھۇم جۈنەيد بەكرى بىلەن بىرلىكتە نەشىرگە تەييارلىغان. 1983 - يىلىدىن باشلاپ ئەھمەد زىيائى شېئىر ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، <كۆرۈپ ئىلمىي چېچەكلەرنى>، <بۇلبۇلغا خىتاب>، <نەي ساداسى> قاتارلىق شېئىرلارنى ۋە بىر تۈركۈم قىتئە، رۇبائىيلارنى ئېلان قىلىدۇ.
ئەھمەد زىيائى ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئىجادىيەت يولىدا جاپا چېكىپ، چوڭ ھەجىملىك داستان <رابىئە - سەئىدىن> نى يېزىپ پۈتتۈرىدىغان. داستان 1985 - يىلى نەشىر قىلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسەرلىك ئىجتىمائىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان زور ھەجىملىك تارىخىي بىئوگرافىك رومان يېزىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە دەسلەپكى قەدەمنى باسقان بولسىمۇ، كېسەل ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىنى بەرمەيدۇ. ئەمما، شائىر يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىقچان بولۇپ قالغانلىقىغا قارىماي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مۇھەممەد قەشقىرىنىڭ ھاياتى، پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يىرىك ئەسەر <ئىلمىي ئابىدىلىرىمىز ئىجادچىلىرى - يۈسۈپ ۋە مەھمۇد> ناملىق تارىخىي داستانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ تاماملايدۇ.
بىر ئۆمۈر مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھەسىدە مول ئەجىر سىڭدۈرگەن، 1980 - يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ غەربىي ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان 1989 - يىلى 3 - ئايدا تەتقىقاتچى ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن ئەھمەد زىيائى ئەپەندى ئۆپكە راكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، 1989 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى (جۈمە) ئالەمدىن ئۆتىدۇ.