UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئىمىن تۇرسۇن

ئىمىن تۇرسۇن

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئىمىن تۇرسۇن 1924 - يىلى 10 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە قول - ھۈنەرۋەن ئائىلسىدە تۇغۇلىدۇ. ئاتىسى ھەسىناخۇن مەرىپەت سۆيەر كىشى بولغاچقا ، ئوغلىنى ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىنلا دىنىي مەكتەپتە كىرىدۇ. ئىمىن تۇرسۇن گۆدەك چىغىدىلا ئوقۇشقا بېرىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىر يىل ئىچىدىلا ساۋاتى چىقىپ «ھەپتىيەك» نى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. قۇرئان ساۋاتى چىققاندىن كېيىن ئەرەب تىلى گرامماتىكىسنى ۋە «شەھرى موللا» نى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. جۈملىدىن ھەزرىتى ناۋائى، غوجا ھاپىز، شىرازى غەزەللىرى بويىچە دەرس ئالىدۇ. 1934 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى نىيازىيە مەكتىپىدە (ئارىلىقتا خەنزۇ ۋە رۇس مەكتەپلەردە)، بىرىنچى گىمنازىيىدە ئوقۇپ (ئائىلىسىدە ئىقتىسادى يار مەكتەپلەردە )، بىرىنچى گىمنازىيىدە ئوقۇپ (ئائىلە ئىقتىسادى يار مەرمىگەچكە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ)، 1941 - يىلى مەركىزىي تەلىم - تەربىيە ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مەدەنىي مائارىپ سىنىپىدە تەربىيىلىنىدۇ. 1941 - يىلىدىن 1951 - يىلىغىچە ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللمىنىدە مۇئەللىم شىنجاڭ دارىلفۇنۇندا ئىلمىي مۇدىر بولىدۇ. قوشۇمچە مەركىزىي ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ سانايىنەپىسە بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ. 1951 - يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا 33 يىل ئىشلەپ، يېڭى دەۋر نەشرىياتچىلىقىغا چوڭ ئەمگەك سىڭدۈرىدۇ ۋە بىر قىسىم كەسىپدارلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئىمىن تۇرسۇن 1941 - يىلدىن تارتىپ مەتبۇئاتتا «دەۋرانى» تەخەللۇسى بىلەن پوبلىستىك ماقالىلار، شېئىرلار ئېلان قىلىشقا باشلايدۇ. ئەدەبىي ئوبروزچىلىق، فولكلور تەتقىقاتىغا دائىر ماقاللىرى ۋە درامىلىرى بىلەنمۇ ئوقۇرمەنلەرگە تونولىدۇ. ئۇ 60 يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا شېئىرىيەت تەتقىقاتچىلىقى، تىلشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق ۋە تەرجىمە ساھەلىرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەر يازىدۇ. ئۇنىڭ «ھەۋەس»، «سەپەرسەزگۈلىرى»، «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرى، تىل - ئەدەبىيات ۋە تارىخ جەھەتلەردە «تارىمدىن تامچە»، «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، «ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساسلار»، «خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت» كلاسسىك ئەدەبىيات ساھەسىدە «زەلىلىي دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى» ، «ناۋائىي ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «نورۇزنامە» قاتارلىق كىتابلىرى، تەرجىمە ساھەسىدە «قىزىل بايراق شەجەرىسى»، «قىزىل قۇياش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «غەربكە ساياھەت» (بىر قىسىمى)، قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمىن تۇرسۇن خەنزۇ تىلى - يېزىقىنى ئۆز ئانا تىلىدەك بىلگەندىن باشقا، ئەرەب، پارس ۋە رۇس تىللىرىنىمۇ ئۆز كەسپى بويىچە بىلىدۇ. ھازىر ئۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، شېئىرىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، گېزىت - ژۇرناللاردا ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ داستان، ئەسلىمىلەر، قىسسە ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ گرامماتىكىسى قاتارلىق تېزىسىلىرىنى تىزىپ چىقتى، بەزىلىرىنى يېزىشقا كىرىشتى. ئىمىن تۇرسۇن ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە ياشلارنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، ھۈنەر - سەنئەت ئىگىلەشكە دەۋەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردە، رادىئو - تېلېۋىزىيەلەردە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئىلمى كۆپ قىرلىق بۇ ئالىمنى ياش بىلىگلەر ۋە زامانداشلىرى شائىر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس، يازغۇچى، جامائەت ئەربابى، قەدىرلىك ئاكا، تەۋەرۈك ئۇستاز، دەپ ھۆرمەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى