UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابدۇقەييۇم مۇسابايوف

ئابدۇقەييۇم مۇسابايوف

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئابدۇقەييۇم مۇسابايوف باۋۇدۇنباينىڭ 2 - ئوغلى ئۇ، 1917 - يىلى قەشقەر ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە تۇغۇلىدۇ. 1926 - يىلىغىچە ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1927 - يىلىدىن 1931 - يىلىغىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە مەخسۇس تىل مەكتىپىدە ئوقۇپ، تۈرك، نىمىس، فرانسۇز تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. شۇ جەرياندا مەخسۇم ئۇستا ياللاپ، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، خۇرۇچ تەڭشەش، بوياش، سىلىقلاش ۋە تېرىلەرنى پارچىلاش (بىر پارچە تېرىنى بەش - ئالتە پارچە قىلىپ نېپىز تىلىش) قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىدۇ. 1931 - يىلىنىڭ ئاخىرى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى مۇھاجىر نىمىسلاردىن داۋاملىق نىمىس تىلى ئۆگىنىدۇ ھەم غۇلجىدا رۇس تىلى - يېزىقىنى ئۆگىنىپ ئوتتۇرا مەلۇماتلىق بولىدۇ. 1935 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتىدا زاپخوز، كاسسىر، سودا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، ئىلى ۋىلايەتلىك باج ئىشلار ئىدارىسىدا باش كاتىپ ۋە خارجى ئىشلار بويىچە باجغا مەسئۇل بولىدۇ. 1946 - يىلىدىن 1954 - يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتىغا مۇئاۋىن باشلىق ۋە باشلىق بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1954 - يىلى سابىق لى چۈن سانائەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش ئىدارىسى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1955 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، 1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش، پىلان، سودا بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1958 - يىلى ئوڭچىل دەپ خاتا ئەيىبلىنىپ، 1962 - يىلى 7 - ئايغىچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدۇ. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 1966 - يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە مەدىكارچىلىق قىلىپ جان باقىدۇ. 1966 - يىلى ئاساس قاتلام ئورۇنلار ئۇنى تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ. 1978 - يىلى يېزىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، سىياسىتى ئەمەلىيلىشىدۇ ۋە 1980 - يىلى 4 - ئايدا تېرە زاۋۇتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 1978 - يىلىدىن 1980 - يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمە ئەزاسى بولىدۇ. 1980 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ ۋە 1983 - يىلىدىن 1988 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. ئابدۇقەييۇم مۇسابايوف كەسپى تېخنىك خادىم بولۇپ قالماستىن، بىر قانچە مىللەت تىلىنى بىلىدىغان زىيالىي. ئۇ كېيىنكى بىر مەزگىل مۇناسىۋەتلىك ئىدارە، جەمئىيەتنىڭ رۇسچە، نىمىسچە ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىشتىن تاشقىرى «گور ئوغلى» دېگەن تۈركچە ئەدەبىي كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985 - يىلى نەشىر قىلدۇرىدۇ. ئابدۇقەييۇم مۇسابايوف 1988 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 71 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇقەييۇم مۇسابايوف | UyghurWiki | UyghurWiki