جۇدالىق
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يازغان روماننىڭ 1 - قىسمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1990 - يىل 21 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئەسەر باش پېرسۇناژى نۇرنىسانىڭ چەت ئەللەردىكى ئەگرى - توقاي، مۇرەككەپ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى، ھاياتىدىكى پاجىئەلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق جۇدالىق دەردىنى، ئانا - بالا، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدىكى ھىجران ئازابىنى، سېغىنىش دەردىنى، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببەتنى، كونا جەمئىيەتتىكى قەشقەر ئاياللىرىنىڭ بۇرۇختۇم، ئازابلىق ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. روماندا يەنە قەشقەردىكى ھەر خىل ئۆرپ - ئادەتلەر، قائىدە - يوسۇنلار ناھايىتى ئىنچىكە، تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ روماننى ئوقۇغان كىشى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ.