UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئىزدىنىش

ئىزدىنىش

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، زوردۇن سابىر يازغان ئىككى قىسىملىق رومان. 1 - قىسىمى 1983 - يىل 7 - ئايدا، 2 - قىسمى 1989 - يىل 12 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. روماندا ئەلا، گۈزەلئاي، ھاشىر، رازىيە، رەقىب ... قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، مۇھەببەت - ئائىلە مەسىلىلىرى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭ ئالدى - ئارقىسىدا تارتقان سورۇنچىلىقلىرى ئازابلىرى، ئۇلارنىڭ ھايات ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى ناھايىتى جانلىق، چىن، تەسىرلىك بايان قىلىنىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ جاپالىق سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئاشۇ يىللاردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور ئەلا، گۈزەلئايلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن ۋە مۇشۇ ئاساستا رومان سيۇژىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەلپكار سيۇژىت، ماھارەتلىك قۇرۇلما ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئىزدىنىش | UyghurWiki | UyghurWiki