UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمەلىكە ئاماننىسا خانىم

مەلىكە ئاماننىسا خانىم

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، تۇرسۇن يۇنۇس يازغان تارىخىي رومان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 - يىل 9 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئابدۇرېشىتخان دەۋرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئاماننىساخاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، مۇزىكا - شېئىرىيەت جەھەتلەردىكى تەربىيلىنىشى، ئابدۇرېشىتخان بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا خانش بولۇپ كىرگەنلىكى، ئوردىدىكى مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇيغۇر خەلقنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بولغان 12 مۇقامنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋرلەرگە يېتىپ كېلىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقى؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، شۇنداقلا شۇ دەۋرلەردىكى دىنىي جاھالەت كۈچلىرى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى ئاساسىي سيۇژىت لىنىيىسى قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى