قارلىغاچ
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابلىكىم روزى بىلەن مۇھەممەتسىدىق تۆمۈرنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئابلىكىم روزىنىڭ <مەكتەپ قوينىدا> ماۋزۇسى بىلەن <ئامرىقى بىز ئەمگەكنىڭ>، <تازىلىقنى سۆيىمىز>، <قارلىغاچ> قاتارلىق شېئىرلىرى؛ مۇھەممەتسىدىق تۆمۈرىنىڭ <گۈزەل ئارزۇلار> ماۋزۇسى ئاستىدا <ئارمىنىم>، <ئىككى ھۇرۇننىڭ ھالاكىتى> قاتارلىق شېئىرلىرى، مەسەللىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان.