غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ غەزەل ۋە مۇخەممەسلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن توپلام بولۇپ، مۇھەممەت رەھىم نەشرگە تەييارلىغان، 1983 - يىل 1 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىمشېھىت، سەيپىدىن ئەزىزى، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيوپ، شۈكۈر يالقۇن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەخمەت زىيائىي، قۇربان ئىمىن، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق شائىرلارنىڭ غەزەل ۋە مۇخەممەسلىرى كىرگۈزۈلگەن.