UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىپولات قادىر

پولات قادىر

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى پولات قادىر (1921 - 1980 ) قۇتۇبى ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە موللا خەلپەتتە دىنىي بىلىم ئالىدۇ ۋە شۇ دەۋردە كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قوللىنىۋاتقان، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق خېلى كۆپ تارىخىي بىلىملەرگە ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق خېلى كۆپ تارىخىي بىلىملەرگە ئىگە بولىدۇ. 1935 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇتۇبىدا ئېچىلغان پەننىي مەكتەپكە، 1939 - يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگ كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1942 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. كېيىن، ئۇيغۇرچە، قازاقچە «شىنجاڭ گېزىتى» خەنزۇچە گېزىتتىن بۆلۈنۈپ چىققاندا، ئۇيغۇر، قازاق «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە باشلىق بولىدۇ. 1947 - يىلى ئاخىرىدا ئەيسا ئالىپتىكىن مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى بولغاندا، پولات قادىر مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا مۇئاۋىن رەئىس بولىدۇ. پولات قادىر بىر ئۆمۈر گومىنداڭ ۋە پانتۇركىزمچىلار تەرىپدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئۆگەنگەن تارىخىي بىلىمىگە ئاساسەن، 1947 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىككى قىسىملىق ئاتالمىش «ئۆلكە تارىخىي» نى يېزىپ نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. 1949 - يىلى 10 - ئايلاردا چەت ئەلگە قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى