UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىباي ئېزىزى

باي ئېزىزى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى باي ئېزىزى 1888 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە تازغۇن يېزا قاراساقال كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يېزىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، دىنىي تەلىم ئالىدۇ. 1918 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ئەمەت قارىم دېگەن كىشىدىن دورىگەرلىك ئىلىمىنى ئۆگىنىدۇ. يىگىرمە نەچچە ياشلىرىدا ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق يۇرتلاردا جاھان كېزىپ يۈرۈۋاتقان مەزگىللەردە دورا ئىلمىدىن خەۋىرى بار بولغانلىقى ئۈچۈن تۇرپانلىق ھىمىت ئاخۇنۇم باي ئېزىزىنى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرپانغا ئېلىپ كېتىپ، تېبابەتچىلىك ئىلىمىنى ئۆگىتىدۇ. باي ئېزىزى تەخمىنەن 1925 - يىللىرىدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەل داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا تۇرپاندىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ھەربىي دوختۇر، 1934 - يىلى يەكەنگە ھاكىم، 36 - دىۋىزىيىدە مەسلىھەتچى بولىدۇ. 1937 - يىلى مەخمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىللە بېيجىڭغا، بېيجىڭدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كېلىپ خەنزۇچە ئۆگىنىدۇ ۋە جۇڭيى كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تېبابەتچىلىك بىلىمىنى بېيىتىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرلەشمە داۋالاش ئامبۇلاتورىيىگە مەسئۇل بولىدۇ. باي ئاخۇن ئېزىزى تېبابەتچىلىكتە ئىچكى كېسەللىكلەر، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ماھىر بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىي ساۋاتلىرى» دېگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ، 1978 - يىلى نەشر قىلدۇرىدۇ. باي ئېزىزى كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىغا ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. باي ئاخۇن ئېزىزى تېبابەتچىلىك ساھەسىدە بىلىمى چوڭقۇر، كىلىنكا تەجرىبىسىنىڭ موللىقى ۋە ئېسىل كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك جۇڭيى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ ۋە 1978 - يىلى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىچكى كېسەللىكلەر مۇدىرى ۋىراچى ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. باي ئېزىزى 1981 - يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
باي ئېزىزى | UyghurWiki | UyghurWiki