مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، نىمشېھىتنىڭ داستان ۋە شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، نىمشېھىتنىڭ قىزى بۈۋىھەجەر ئەرمىيا ئېلى نەشرگە تەييارلىغان، 1987 - يىل 4 - ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا نىمشېھىتنىڭ <مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن> ناملىق داستانى ۋە شائىرنىڭ كېيىنكى يىللاردا تېپىلغان <ئورماندىن گۈلباغ>، <قارلىق>، <ئەخمەتجان قاسىمىغا مەرسىيە>، <خوتەن كىشمىشى>، <ئۈمىدىم>، <پېقىرنىڭ ئىقرارى> قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.