UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمەھمۇتجان ئىلھامجانوف

مەھمۇتجان ئىلھامجانوف

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى مەھمۇتجان ئىلھامجانوف (ئۆزۈبېك) نىڭ ئاتا - ئانىسى تاشكەنتلىك بولۇپ، دادىسى ئىمىنجان 1880 - يىللاردا «جۇڭگو - رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالانغاننىڭ ئالدى - كەينىدە تىجارەت ئۈچۈن چۆچەككە كېلىدۇ ۋە تىجارەتتە تېزلا باي بولۇپ، «ئىمىنجان باي» دەپ ئاتلىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىدىن باشقا چۆچەك، زايسان قاتارلىق جايلاردا سودا شىركەتلەر قۇرىدۇ ۋە ئائىلىسىنى تەشكەنتتىن چۆچەككە كۆچۈرۈپ كېلىدۇ. مەھمۇتجان 1908 - يىلى ئۇ 8 - ئايلاردا چۆچەكتە تۇغۇلىدۇ. ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، چۆچەكتە تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1920 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كىلىپ، خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. دادىسى ئىمىنجان ئۈرۈمچى نەنلىياڭدا «دېشىڭ ياڭخاڭ» ناملىق سودا فېرىسى قۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن سودا قىلىپ، 1928 - يىلى ۋاپات بولىدۇ. مەھمۇتجان ئىلھامجانوف خەنزۇچە ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا خەنزۇچە «يى بودى» دېگەن ئىسىم قويىلىدۇ. 1929 - يىلىدىن 1932 - يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى بىردىنىبر ئالىي مەكتەپ «رۇس تىلى سىياسىي - قانۇن مەكتىپى» دە ئوقۇيدۇ. كېيىن ئۆزلۈكىدىن خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن گۇۋىن (قەدىمكى خەنزۇچە) نى خېلى مۇكەممەل ئۆگىنىۋالىدۇ. 1932 - يىلى چۆچەككە بېرىپ ئۆيلىنىدۇ ۋە چۆچەكتە 1935 - يىلىغىچە دۇكان ئېچىپ سودا قىلىدۇ. كېيىن چۆچەك گارنىزون شتابىدا شىنجاڭ گېزىتى« نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن، دۆلەت شېئىرى «قوزغال»نى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىدۇ. 1939 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت جەمئىيىتى تەھرىر - تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان كىتاب - ژۇرناللارنىڭ بەزى ماقاللىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، براشۇرا شەكلىدە نەشر قىلدۇرىدۇ. بىر مەزگىل ماۋدۇن ئەپەندىگە مەخسۇس تەرجىمان بولىدۇ. 1941 - يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1943 - يىلىغىچە قاملىدۇ. تۈرمىدە بولغان مەزگىلدە، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى تەرجىمە قىلغان ماقالىلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، بەزىدە زۆرۈر بولغاندا شېڭ شىسەي ئېغىز تەرجىمانى بولىدۇ. شېڭ شىسەي مەركەزگە كەتكەندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى تۈرمىدىن بوشىتىپ، «جۇڭشۈنتۈەن (مەركىزىي تەلىم - تەربىيە ئۆمىكى) باشلىقى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ يەردە 1945 - يىلىغىچە ئىشلەپ، يازما دەرسىلىكلەرنىڭ تەرجىمە - تەھرىرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. مەھمۇتجان ئىلھانجانوف 1945 - يىلى ئايالى ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبى بىلەن چۆچەككە كېتىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلمەيدۇ. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن، 1946 - يىلىغىچە تارباغاتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈم باشلىقى بولىدۇ. 1946 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى سۆھبەتلەردە ئەخمەتجان قاسىمىغا تەرجىمانلىق قىلىدۇ. 1946 - يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1948 - يىلىغىچە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى، 1949 -يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىنى ۋە باشقا مۇھىم ھۆججەتلەرنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدۇ؛ چۆچەكتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئاڭلىتىلغان كۈندىلىك خەۋەرلىرىنى رادىئودىن خاتىرىلىۋېلىپ، سوۋېت كونسۇلخانىسىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەمگىكى ئۈچۈن كونسۇلخانا ئۇنى كۆپ قېتىم مۇكاپاتلايدۇ. مەھمۇتجان ئىلھامجانوف 1950 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت - مائارىپ ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مەزكۇر ھەيئەتنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ باشقارمىدا، بولغان ۋاقتىدا ماۋزېدۇڭ ۋە ليۇ شاۋچى ئەسەرلىرىنىڭ ئايرىم براشۇرىلىرى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ۋە ئەمىر پەرمانلىرى توپلىمى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ مىللىي ئۇرۇشتا تۇتقان ئورنى»، «جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيە مەسىلىسى»، « جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى»، «يېڭى دېموكراتىزم ھەققىدە» قاتارلىق 36 كىتابنى، يەنە بەش دەرسلىك كىتابنى ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ كىتابلارنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 1951 - يىلى 3 - ئايدا مەزكۇر تەرجىمە باشقارمىسى ئاساسىدا «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قۇرۇلۇپ، نەشرىياتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تەرجىمە باشقارمىسىدىن يۆتكەپ كېلىنىگەن غوللۇق كۈچلەر ئىمىن تۇرسۇن، ئىبراھىم ئەخمىدى، پەيزۇللا راخمانى، ئەبەيدۇللا باستى، جامالىدىن مۇھەممىدى، باھار رەھىمى، خوجا قاتارلىق تالانتلىق تەھرىر - تەرجىمانلارنى تايانچ قىلىپ، خەلق نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر - قازاق تىللىرىدا كىتاب نەشر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇنداش بىلەن بىرگە، ياش تەھرىر - تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قۇرۇلۇشتىن (1960 - يىلدىن ) ئاۋۋال باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسىلىك كىتابلىرىنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلاتتى. مەھمۇتجان بۇ دەرسلىك كىتابلارنى ۋاقتىدا نەشر قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتتىمۇ زور ئوينايدۇ. ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۆت تومىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەھمۇتجان ئىلھامجانوف تەرجىمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەرجىمىنى تىل قائىدىسىگە مۇۋاپىق ئىلىمىي ئىزغا سېلىش ئۈچۈن، 1961 - يىلى 3 - ئايدا خەلق نەشرىياتىدا لۇغەت گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ ۋە بۇ گۇرۇپپىغا پىشقەدەم تەھرىر - تەرجىمانلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، پەيزۇللا راخمانى، ئابدۇباقى ئابباس، ئىبراھىم ئۆمەر، مەھەممەت رېھىم كېرىمى قاتارلىقلارنى يۆتكەپ كېلىپ، نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە كەم بولۇۋاتقان لۇغەتچىلىك كەسپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەھمۇتجان ئىلھانوف ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە، بولۇپمۇ تەھرىر - تەرجىمانلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا سەرپ قىلىپ، 1978 - يىلى 9 - ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى