UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىداستانلار

داستانلار

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، كوللېكتىپ داستانلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم يىرىك داستانلاردىن تۈزۈلگەن بۇ توپلامغا نىمشېھىتنىڭ <مىڭ ئۆي ۋە ھەرھاد - شېرىن> داستانىدىن پارچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <مۇھەببەت ھەم نەپرەت>، ئەلقەم ئەختەمنىڭ <سائادەتخان>، <ئالۋاستى>، ئابلىز نازىرىنىڭ <شانلىق قۇربان>، تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ <ئىگىلىك سۇ>، <تەۋەرۇك>، ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ <سېغىزخان ھەققىدە چۆچەك>، مۇھەممەت رەھىمنىڭ <ئانا>، رەخىم قاسىمنىڭ <چولپان>، مۇھەممەتجان سادىقنىڭ <چىن مۇھەببەت>، ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ <ئايخان>، قۇربان باراتنىڭ <قىزىلگۈل>، بۇغدا ئابدۇللانىڭ <چوغلۇق باللادىسى>، مۇھەممەت شاۋۇدۇن، سادىن سادىرىلارنىڭ <ئالىم بىلەن ئايىم>، ئارسلاننىڭ <يۇلتۇزلار يۇرتى>، سەمەت دۇگايلىنىڭ <مېيخۇا بىلەن لەيلىگۈل>، تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ <بۇلبۇل> داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
داستانلار | UyghurWiki | UyghurWiki