ھەيدەر سايرانى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ھەيدەر سايرانى 1886 - يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قارىمىقىدىكى تاتارىسىتاننىڭ ئۇفا شەھىرىدە سايرانىلارنىڭ 6 - ئەۋلادى، تاتار زىيالىي ئوقۇتقۇچى مىنھاجىتتىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئۇفا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ.ئەينى چاغدا ئۇ فادا پەقەت مەدرىسەلەرلا بولۇپ، پەننىي ئالىي بىلىم يۇرتلىرى قازانغا جايلاشقانىدى. ئۇ 1905 - يىلى ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ.
1905 - 1907 - يىللاردىكى رۇسىيە ئىنقىلابى ھەيدەر سايرانىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا قازاندا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت توقاي بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار ئابدۇللا توقاي ئىشلىگەن «ئەلئىسلاھ»، «يەشىن» (چاقماق)، «يالت - يۇلت» ژۇرناللىرىدىكى ماقالىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارىدۇ.
1909 - يىلى تۇرپان ئاستانىلىق مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى قازانغا بېرىپ، ھەيدەر سايرانى بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خەلقنىڭ جاھالەت، زۇلمەت تۇمانلىرى ئىچىدىكى ئېچىنىشىلىق ھاياتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنى شىنجاڭغا بېرىپ ئوقۇش - ئاقارتىش ئىشلىرىنى يولغا سېلىپ، خەلقنى جاھالەت، زۇلمەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، مەرىپەتكە باشلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. مەخسۇت مۇھىتىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ ۋە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن بىر قانچە مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن، جۈملىدىن ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئائىللىكلەر ئولتۇراق ئۆينى سېلىش قۇرۇلۇشىدا ياغاچچىلىق قىلىپ يۈرگەن تۆمۈر خەلىپە بىلەنمۇ بايانلىرى ئۇنى بەك قىزىقتۇرىدۇ. ئۇ تۆمۈر خەلىپىگە 1905 - يىلى رۇسىينىڭ تەپسلىي سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار سەرگۈشتىلىرىنى سۆزلىشىپ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
ئۈرۈمچىدىكى مەرىپەتپەرۋەلەر ھەيدەر سايرانىنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. لېكىن مەخسۇت مۇھىتى يەنىلا ئۇنىڭ تۇرپان ئاستانىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئۇ 1909 - يىلى ئاستانىغا بارىدۇ، ئۇ زاماندا ئاستانىدا بىرەرمۇ يېڭىچە مەكتەپ يوق بولۇپ، ھەممەيلەن دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئاغزىغا قاراتتى. شۇڭلاشقا خەلقنى ئاقارتىش ۋە مەدەنىيەتكە باشلاش - يېڭېچە مەكتەپ ئېچىش ھە دېگەندە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ھەيدەر سايرانى دەسلەپ مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدۇ. ئۇ ياز كۈنلىرى ئۈرۈمچىگە چىقىپ دەم ئالىدۇ. 1913 - يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە، ئۇيغۇر خەلقنىڭ قەھرىمان پەرزەنتى، ئۆزىنىڭ سىرداش دوستى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلىدۇ. ھەيدەر سايرانى بۇ شېھىتنىڭ نامىزىغا قاتنىشىپ، ئۆز قولى بىلەن يەرلەپ ئاستانىغا قايتىدۇ.
سەۋرچانلىق بىلەن زېكمەي، تېرىكمەي ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىق، تەربىيە نەتىجىسىدە، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئائىلىسىدە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغۇچى بالىلار تەدرىجىي كۆپيىشىكە باشلايدۇ. ئاخىر ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى ئىلغار زاتلارنىڭ بولۇپمۇ مەخسۇس مۇھىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەپتىن يۆلىشى بىلەن 1913 - يىلى ئاستانە مەدرىسە يېنىغا كۈنگەيگە قارىتىپ ئەينەك دېرىزىلىك، ئاستى - ئۈستى تاختايلىق بىر سىنىپلىق مەكتەپ سېلىنىدۇ.
مەكتەپنىڭ دەرس پروگرامملىرى ئاساسەن قازان مەكتەپلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئانا تىل، ھېساب، جۇغراپىيە، تارىخ، تەبىئەت، ئەسىرى سائادە (پەيغەمبەرلەرتارىخى)، تەنتەربىيە ۋە شېئىر قاتارلىق دەرىسىلەر ئۆتۈلىدۇ. گەرچە مەكتەپ ئېچىلىپ ئوقۇش رەسمىي يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى توختىمايدۇ. چۈنكى، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئي پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى ئىلىم، شىنجاڭنىڭ فېئودال كونا مەدەنىيىتى ۋە كونا ئىلىمگە قارشى ئىدى. ھەيدەر سايرانى زور تىرىشچالىقلار بىلەن ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
1914 - يىلى ھەيدەر سايرانى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئۇرۇق - تۇغقان، يارۇ - بۇرادەر ۋە بەزى ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ.
1971 - يىلى ئاستانىغا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ موسكۋادىكى نۇرغۇن پۇللىرىنى ئۆتكۈزمەيۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. مەخسۇت مۇھىتى بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، موسكۋاغا ھەيدەر سايرانىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بۇ نۆۋەت موسكۋا، قازان، ئۇفا، تاشكەنت، سېمپالاتنىسك قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ، يېڭلىقلارنى ئۆگىنىدۇ. شۇنداقلا شىنجاڭغا ئەكلىشكە ئادەم ئىزدەيدۇ ۋە بۇ يەرلەردىن مۇھىببۇللا ئەپەندى، گۈلەندەم ئابستاي، خسام باۋىن، خەسەن فەھىمى، ئەلى ئىبراھىم، شاھى شەرەپ قاتارلىق ئالتە نەپەر مۇنەۋۋەر تاتار ئوقۇتقۇچىسىنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار 1917 - يىلىدىن 1919 - يىلىغىچە شىنجاڭغا كېلىپ بولىدۇ. ئالدىن ئويلىشىلغان پىلان بويىچە، مۇھىببۇللا ئەپەندى بىلەن ئايال گۈلەندەم ئابستانىغا، ئەلى ئەپەندى تۇرپانغا، خەسەن فەھىمى بىلەن شاھى شەرەپ لۈكچۈنگە، خىسام گۇچوڭجۇغا ئورۇنلاشتۇرۈلىدۇ. ھەيدەر سايراننىڭ يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ خەلقنى مەدەنىيەت يولىغا باشلىغىنىدىن خەلق ئاممىسى سۆيۈنىدۇ ۋە ئۇ يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى يەنە يۇرتىغا قايتسا كەلمەي قالارمۇ؟ دېگەن ئەندىشە بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى بولىدۇ. جامائەت ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ، 1917 - يىلى ئاستانىلىق باھاۋۇدۇن ئاكىنىڭ قىزى ئايخانغا ئۆيلەپ قويىدۇ.
ئاستا مەكتىپىنىڭ 1 - قارار ئوقۇغۇچىلىرى 1917 - يىلى ئوقۇشنى تاماملايدۇ. بۇ قاراردا ئابدۇرۇسۇل ئابدۇقەيۇمى، مۆمىن ئەخمەت، شاۋۇدۇن ئەپەندى، مۆمىن ئىمىنھاجى، دۇگامەت خۇدىيار، قۇربان سەئىدى، ھەۋەيدۇل توختىھاجى، ئابدۇللا پەرسا، ئابباس نەجىبى، ئەخمەت نەزەر قاتارلىق 40 نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇغانىدى. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە چوڭ تۆھپىلەرنى يارىتىپ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.
1917 - يىلىغا كەلگەندە ئاستانىدىكى مەكتەپ كىچىكلىك قىلىپ قالىدۇ. يېڭىچە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغۇچىلار كۆپەيگەچكە، مەكتەپنى كېڭەيتىپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قۇرۇسىنىڭ قارشىسىدىكى بوش يەرگە دېرىزىلىرىنى كۈنگەيگە قارىتىپ، ئاستى - ئۈستى تاختايلىق سىنىپلار سېلىنىدۇ، سىنىپ ئىچى دوسكا، پارتا ۋە ئوقۇتۇش قوراللىرى بىلەن جاھازىلىنىدۇ. يەنە بىر مەكتەپ سالىدۇ. بۇ مەكتەپ قورۇسىدا كۆل بولۇپ، ئەتراپى دەرەخ بىلەن ئورالغان. مۇھىببۇللا ئەپەندى بىلەن ئايال گۈلەندەم ئابىستاي 1918 - يىلدىن ئېتبارەن بۇ مەكتەپتە ھەيدەر ئەپەندى بىلەن بىرگە دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ.
1919 - يىلى 18 - دېكابىردا ھەيدەر سايرانى بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر قويىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن بەختكە قارشى ئانىسى ئايخان ئايلا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇيغۇرنى چوڭ ئانىسى مەڭلىك قىز بىلەن ھەيدەر سايرانى ئۆزى باقىدۇ. ھەيدەر ئەپەندى ئۈرۈمچىگە يۆتكلىپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇللا پەرسا قارايدۇ. ھەيدەر سايرانى 1920 - يىلى ئۈرۈچىگە كېلىپ، ياڭخاڭغا سېلىنغان يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ھەيئىتى بولىدۇ شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى قۇرۇلىدۇ ۋە ھەيدەر سايرانى ئىنىسپىكتورلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ.
1922 - يىلى ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىدە مەخپىي تەشكىللىگەن ئىلغار ياشلار تەشكىلاتىغا قاتنىشىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا بۇرھان شەھىدى، لۈكچۈنلۈك تاھىر بەگ، تۇرپان ئاستانلىق مەخسۇت مۇھىتى، قەشقەرلىك كېرەم چوڭ ھاجى، بايلىق ئايۇپ، تۇرپانلىق يۇسۇسبەگ، ئالتايلىق شەرىپقانلار بار ئىدى.
1925 - يىلى ھەيدەر سايرانى ئۈرۈمچىدە بۇرھان شەھىدىنىڭ سىڭلىسى زەينەپ بانۇ بىلەن توي قىلىدۇ. ۋە ئاستانىدىن ئوغلى ئۇيغۇرنى يېنىغا ئالدۇرىدۇ.
1928 - يىلى ھەيدەر سايرانى خوجىنىياز ھاجى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ تونۇشىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنقلاب توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىدۇ.
1931 - يىلى ئەتىياز دا قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ھەيدەر سايرانى بۇنى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ ئوبدان پەيتى، دەپ ھېسابلاپ، قەشقەر، تۇرپان، لۈكچۈن، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى تەشكىلات ئەزالىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى جاۋ دېشۇ، تاۋ مىڭيۆ قاتارلىق ھەر مىللەت ئىلغار ياشلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.
ھەيدەر سايرانى قۇمۇل قوزغىلىڭىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاق ئورۇس ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى مېزگىن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشىدا : «قۇمۇللۇقلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ قورسىقىدىكى بالىلىرىغىچە قىرىپ تۈگىتىمەن» دەپ ۋەدە بېرىدۇ. ھيدەر سايرانى ئۇنىڭ يولغا چىقىنىنى قۇمۇلغا يۇقىرىقى سۆزىنى قوشۇپ خەۋەر قىلىدۇ. بۇئىشتىن خەۋەر دار بولغان قىزغىلاڭچىلار ئۇلارغا يولدا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. مېزگىن قۇمۇلغا يېتىپ بارمايلا يولدا ئۆلىدۇ.
1934 _ يىلى 8 ئاينىڭ 5 _ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ. ھەيدەر سايرانى ئۇيۇشما تەركىبىدىكى نەشىرىيات باشقارمىسىغا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەدەبىي ھەپتىلىك «يېڭى شىنجاڭ » گېزىتىنىڭ 1 _ سانى 1935 _ يىل 1 _ ئاينىڭ 25 _ كۈنى نەشىر قىلىنىدۇ.
ھەيدەر سايرانى 1938 _ يىلى ئاپرېلدا قولغا ئېلىنىپ، مال _ مۈلكى مۇسادىر قىلىنىدۇ ۋە 1943 _ يىلى 75 يېشىدا چېن تيەنچۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق كوممۇنىستلار، ئىلغار زاتلار بىلەن قاتاردا ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.