زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، تېيىپجان ئېلىيوپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1979 - يىل 11 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا شائىرنىڭ <شەرق ناخشىسى>، <تىنىچلىق ناخشىسى>، <تۈگىمەس ناخشىا>، <ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن ھەم كېيىن يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامغا بىر مۇنچە سىياسىي لىرىكىلاردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە تەبىئەت لىرىكىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.