قۇتبىدىنشاھ
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
قۇتبىدىنشاھ (1760 - 1866 - يىللار) مەشھۇر شائىر ۋە ئۇستا تېۋىپ - ھۆكۈما بولۇپ، يەكەندە تۇغۇلۇپ، دەسلەپ ئۆز مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ۋە شەھەر ئىچىدىكى مەدرىسەلەردە ئوقۇپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەندە كېيىن مىسىرغا بېرىپ، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە ئىلمىدە) دا ئوقۇيدۇ. كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، دىنىي ئىلىملەرنى ھەمدە ئىجتىھات بىلەن ئىلمىي تىبابەتچىلىكنى، ئەدەبىياتنى، بولۇپمۇ شېئىرىيەتنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى چوڭقۇر بىلىمىگە ئىگە بولىدۇ. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، تېۋىپلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېئىرىيەت ئىجادىييى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ يەنە ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران ۋە ئىراق قاتارلىق مەملىكەتلەرگە بېرىپ، تېۋىپلىق بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرتىدا ئاۋۋالقىدەكلا تېۋىپلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
قۇتبىدىنشاھ ئۆمرىدە تەخمىنەن 777 پارچە ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم، ئەمما كۆپ قىسمى غايىب بولۇپ كەتكەن. زامانىمىزغىچە تارقىلىپ كەلگەنلىرىدىن ھازىر پەقەت ئىككى پارچىسى بايقالغان بولۇپ، بىر پارچىسى «رىسالىئە»، يەنە بىر پارچىسى «ساقىنامە» دىن ئىبارەت. بۇ شېئىرىي ئەسەرلەر جەمئىي 218 بەتلىك بولۇپ، قوليازمىسى ھازىر نەۋرىسىنىڭ ئائىلىسىدە ساقلانماقتا.