گۈدۈك
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، 1982 - يىل 8 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا ئازادلىقنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ۋاپات بولغان ئەنۋەر ناسىرى، نۇر مۇھەممەت بوساقۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇللا ھاپىز، ئىبراھىم نورۇز، نىغمەت خەلپەت، تاجىدىن قادىرى، ئابلىز شېرىپ، ئەمەت غوپۇر قاتارلىق شائىرلارنىڭ بىر قىسىم شېئىر - داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى قىسقىچە تەرجىمھالى سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن.