UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىسەلىمجان ئەززەم

سەلىمجان ئەززەم

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى سەلىمجان ئەززەم (ئۆزبېك) 1925 - يىلى كۇچادا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. 1950 - يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتنىشىپ، 1956 - يىلىغىچە كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە، 1960 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە تەرجىمانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ 1986 - يىلى پىنسىيىگە چىققۇچە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەرجىمە - تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1983 - يىلى كاندىدات ئالىي تەرجىمانلىق ئۇنۋانى ئالىدۇ. سەلىمجان ئەززەم ئۆزىنىڭ 36 يىللىق خىزمەت ھاياتىدە تەرجىمانلىق خىزمىتىدە كۆرنەرلىك نەتىجە يارىتىپ، تەرجىمانلىق خىزمىتىدە كۆرنەرلىك نەتىجە يارىتىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پىشقەدەم زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى. بولۇپمۇ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەرجىمە - تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان 26 يىل جەريانىدا ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرىنى ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي پەنگە ئائىت نەچچە ئونلىغان كىتابلارنى تەھرىرلەپ ۋە نەشرگە تەييارلاپ، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ. ئۇ «جۇڭگو تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ مىلادىيە، ھىجىرىيە سېلىشتۇرمىسى»، «غەربىي دىيار مەدەنىيەت تارىخى» قاتارلىق نۇقتىلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلايدۇ. شۇنداقلا «ھايات مارشى»، «ئەتىكى ئىلىم - پەن» قاتارلىق كۆپلىگەن كىتابلارنى تەرجىم قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. سەلىمجان خىزمەتنى ئەستايىدىل، قېتىرقىنىپ ئىشلەيتتى. كىتابلارنىڭ سۈپتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ياش تەھرىر، تەرجىمانلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. ھازىرقى كۆپلىگەن ياش تەھرىر، ياش تەھرىرلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى يولداش سەلىمجاننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سەلىمجان ئەززەم كېسەل سەۋەبىدىن 1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
سەلىمجان ئەززەم | UyghurWiki | UyghurWiki