ئەنجانباي
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئەنجانباي 1906 - يىلى ئەنجاندا تۇغۇلۇپ، يەتتە ياشقا كىرگەندە، تاشكەنت 10 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1918 - يىلى 5 - سىنىپنى پۈتتۈرۈپ، 1919 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە 1920 - يىلىدىن 1923 - يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. شۇ مەزگىلدە تاھىر، زاھىر دېگەن ئىككى ئاكا - ئۇكا قىرغىز بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلاردىن قارىغا ئېتىش، ئات ئۈستى ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
قۇمۇل دېقانلار قوزغىلىڭىنىڭ كۈچىيىشى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، ئۆمەر داموللا ئەسكەر ئالىدۇ. ئەنجانباي ئۆمەر داموللىغا فۇگۇەن بولۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئوپال، بۇلاقسۇ، تاشمىلىق، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. بىراق، ئۇزاققا قالماي ئەسكەرلەر تارقىتىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەنجانباي ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
1939 - يىلى ئەنجانباي ئەمەت بۆرى دېگەن بەگنىڭ ئوغلى خەلىپەت بىلەن بولغان جەڭگى - جېدەلدە قولغا ئېلىنىپ، 1945 - يىلى 8 - ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جىنايەتچىلەرگە چوڭ كەچۈرۈم قىلغاندا، قويۇپ بېرىلىدۇ. 9451 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى (دۈشەنبە) تاشقورغان قوزغىلاڭچىلىرى ئوپالغا كېلىدۇ. يۈسۈپجان، ئەينىدىن، جامالىدىن قاتارلىقلارنىڭ ئەسكەرلىككە كىشى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە، ئەنجانباي ئەسكەرلىككە يېزىلىدۇ. شۇ كۈنى ئەنجانباينىڭ ئىنىسى قادىرخان، سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ئېزىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ دوست - بۇرادەرلىرى بولۇپ، يەتمىش نەچچە ئادەممۇ ئەسكەرلىككە يېزىلىدۇ.
1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنجانباي گومىنداڭغا قارشى تۇنجى جەڭنى باشلايدۇ ۋە ئوپال يېزىلىرىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. گومىنداڭ تەرەپ 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چەش تاغقا يو تۇەنجاڭ باشچىلىقىدا 007 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەنجانباي ئون ئەسكىرى بىلەن كېچىدە چەش تاغقا ھۇجۇم قىلىپ، چاش تاغدىكى گومىنداڭنى پاراكەندە قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا ئوپال تاشمىلىق بېگى ئەمەت بەگ بېقىۋاتقان 70 مەرگەنمۇ تۈگىشىدۇ. شۇ چاغدا قوماندانلىق ئەنجانبايغا پوللك قۇرۇش ئىجازىتى بىلەن پودپولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىدۇ.
بۇ كۈنلەردە تاشقورغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوماندانلىق باش شىتابى قىسىملارغا <تاغ رايونىنى ساقلاش، شەھەرگە ھۇجۇم قىلماسلىق بۇيرۇقى كۈتۈش> توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. جۈملىدىن ئويتاغ لىنيىسىدىكى قىسىملارمۇ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ يىللاردا ئەنجانباينىڭ قول ئاستىدا 70 دىن ئارتۇق قوراللىق، 40 دەك قورالسىز كىشىلەر بارئىدى.
زەيدىن ئەسلىدە ئەمەت بەگنىڭ ئادىمى بولۇپ، ئەنجانباينىڭ قىسىمىغا سۇقۇنۇپ كىرىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ ۋە يالغان خەۋەر بېرىپ، ئوپال لەڭزىدە گومىنداڭ قىسىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنگەن ئەنجانباي ياراملىق دېگەن 30 ئادەم بىلەن ئوپال لەڭزىگە (گومىنداڭ شىتابىغا)قاراپ ماڭىدۇ. يولدا بۆكتۈرمە قىلىنغان گومىنداڭ ئەسكىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىسىمىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆزىمۇ قۇربان بولىدۇ. گومىنداڭ جاللاتلىرى ئەنجانباينىڭ بېشىنى كېسىپ سازايى قىلىدۇ. كېيىن ئەنجانباينىڭ سىڭلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بېشىنى ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلىدۇ. ئەنجانباي ۋاپات بولغاندىن كېيىن گومىنداڭچىلار ئۇنىڭ قالغان ئەسكەرلىرىنى قىرىپ تاشلايدۇ.