UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىقىساس

قىساس

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، قاھار جېلىلنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 40 - يىللاردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرى، جۈملىدىن خوتەن يېزىلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى، ھوقۇقسىزلىقى، فېئودال پومېشچىكلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قەھرىمانانە كۈرەشلىرى يېزىلغان. روماندا باتۇر، ئاق كۆڭۈل، ساددا دېھقان يىگىتى ئەزىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ باينىڭ قىزى ئادالەت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، شۇ سەۋەبلىك باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان. رومان باش قەھرىمان ئەزىزنىڭ تاشقورغان ئىنقىلابچىلىرىنى ئىزدەپ ماڭغانلىقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. روماننىڭ ۋەقەلىكى جانلىق، قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، تەپسىلاتلىرى ئىنچىكە، روماندا خوتەننىڭ يەرلىك شىۋىسى، خەلق ماقال - تەمسىللىرى بىلەن قوللىنىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى