UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىموللا زەيدىن

موللا زەيدىن

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى داڭلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن 1815 - يىللار ئەتراپىدا لۈكچۈننىڭ باغرا يېزىسىدا نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ كىچىكىدە بىر خۇسۇسىي دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقىرىپ، 11 يېشىدا لۈكچۈن ۋاڭلىق<مەدرىسە> گە كىرىپ ئوقۇيدۇ ۋە بۇ مەدرىسەدە 17 ياشقىچە ئوقۇپ ئەرەب، پارىس تىلىنى ئۆگىنىپ، نەۋائى، سوپى ئاللايار، قول خوجا ئەخمەت، شامەشرەپ قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئېلىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن موللىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ زەيدىن دېگەن ئىسىمىنىڭ ئالدىغا <موللا> دېگەن نام قوشۇلۇپ، موللا زەيدىن دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ. موللا زەيدىن ياشىغان دەۋردە زالىم ۋاڭلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سېلىۋاتقان زۇلمى ھەددىدىن ئاشقان، مۇتەئەسسىپ موللىلار ۋاڭ، گۇڭلارغا قول چوماق بولۇپ خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتقان يىللار ئىدى. موللا زەيدىننىڭ قەلبىدە زالىملارغا قارشى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي زاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوغلىنىڭ تەربىيلىنىشىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يىشىدىلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرىسەدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋاتىنى چىقىرىدۇ. 1847 - يىلى 9 - ئايدا ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇنىي شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسىگە ئوقۇشقا بېرىدۇ. بۇ مەدرىسەنىڭ مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن كىشى ئىدى. موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلۇقىدا، قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، (تەقۋىم كالىندار شۇناسلىق)، ئاسترونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، <بالا مۇللا> ، <موللا مۇسا> دېگەن ناملار ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇ 1954 - يىلى مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسەدە مۇدەررىسلىق قىلىدۇ. 1864 - يىلى كۇچار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندىن كېيىن، موللا مۇسا سايرامى تالىپلىرىنى باشلاپ قوزغىلاڭغا ئاكىتىپ قاتنىشىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۈرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىسى ماخمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ئومۇمىي ئىشلار باشلىقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ، چوڭقۇرلۇقى، كەمتەر، كىچىك پېئىللىقى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ۋە خەلق ئارىسىدا زور ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ. 1867 - يىلى ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابېك ھىسارىنىڭ كاتىپى بولىدۇ. 1877 - يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ. بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى <تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا>، <دەربايان ئەسھابۇل كەھف>، <تارىخىي ئەمىنىيە>، <دىۋان مەسنەۋى>، <تارىخىي ھەمىدى>، <سالامنامە> قاتارلىقلاردۇر. موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتى ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ. 1917 - يىلى 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ. شۇ يىلى 4 - ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى، تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى