ئۇيغۇر سايرانى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر سايرانى 1918 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تۇرپان ئاستانىدا ئوقۇتقۇچى ھەيدەر ئەپەندى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تۇرپان، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇيدۇ. 1933 - يىلى ئۈرۈمچىد رۇس گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1934 - يىلدىن 1938 - يىلغىچە موسكۋادا رۇسچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقويدۇ ۋە شۇ يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش رەسمىيىتى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بىراق، دادىسى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتكە چىقالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۈرمچى نەنلياڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 4 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، «دادىسى قامالغان»، «سىياسەتتە ئىشەنچىسىز» دەپ قارىلىپ، ساۋەنگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1938 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە سۈرگۈندە بولغان كۈنلەردە رۈسچىدىن پەلسەپە، تارىخقا ئائىت ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىدۇ. 1941 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ شېڭ شىسەينىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.
ئۇ شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە، 1943 - يىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كوچىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى 1 - تۈرمىگە قامىلىدۇ. 1945 - يىلى 6 - ئايلاردا تۈرمىدىن چىقىدۇ.
بىتىم ئىمزالىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1946 - يىلى 1 - ئايدا ئۇيغۇر سايرانى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلى تەرەپ كۆرسەتكەن مەسئۇلى خادىمى بولىدۇ.
گومىنداڭ 11 ماددىلىق بىتىمنى ئىجرا قىلمىغاچقا، خەلق ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنىدۇ. ئۇيغۇر سايرانى پاش قىلىش خاراكتېرىدىكى ئەرزلەرنى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا چىدىماي، ئۇيغۇر سايرانىنى قولغا ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئۇيغۇر سايرانى يوشۇرۇنىۋالىدۇ ۋە 1947 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئاخىرقى تۈركۈم خادىملار بىلەن بىللە غۇلجىغا كېتىدۇ. غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن، ئەھمەتجان قاسىمى ئۇنى «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىر قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئۇ «ئىلى گېزىتى» دە 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئىشلەيدۇ. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن ئۇ جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ ۋە ئۈرۈمىچىگە قايتىپ كېلىپ، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە گېزىتلەر بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» گە مۇئاۋىن باشلىق بولىدۇ.
1950 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كونسۇلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. ئۇ خارجى خىزمەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىققاندىن كېيىن ئىككى يىل ماركسىزم ئىنىستىتوتى بىلەن قازاقسىتان پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. 1956 - يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇش تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلقق قۇرۇلىيىتى مىللەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىق بولۇپ ئىشلەيدۇ،
ئۇيغۇر سايرانىغا 50 يىللاردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ھەرخىل بۆھتانلار چاپلاندى. 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قىلىپ بەلگىلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 4 - نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى، 1983 - يىلى «تەتقىقاتچى» ئۇنىۋانىنى ئالدى.
ئۇيغۇر سايرانى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كۆپلىگەن ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇ 1990 - يىلى 7 - ئايدا دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىغچە تارىخى، ئۆزبېك، تاتارلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىشقا قاتناشتى. قاتناشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان. سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقشۇناس ئالىملىرىدىن ئا . گ. مالياۋكىن، س . گ . كىلياشتور، ناسىلوف ۋە بار تولد قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاقىدار 10 پارچىغا يېقىن كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇردى.