ئىجادىيەت ۋە ئىزدىنىش
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، كوللېكتىپ ئەدەبىي ماقالە - ئوبزورلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1992 - يىل 9 ـ ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا مۇھەممەت ئەيسانىڭ <ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا بىر نەزەر> قاتارلىق درامىچىلىققا دائىر ماقالە - ئوبزورلىرى، يالقۇننىڭ <چەۋەنداز ژانىر - ئەدەبىي ئاخبارات> قاتارلىق ماقالىلىرى، ئۆمەر قادىرنىڭ <>سەرسانلار< فىلىمى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم> قاتارلىق كىنو ئوبزورلىرى كىرگۈزۈلگەن.