UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىقاينام ئۆركىشى

قاينام ئۆركىشى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابدۇللا تالىپ يازغان بىئوگرافىك رومان بولۇپ، 1982 - يىل 10 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتىغا، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىگە بېغىشلانغان بۇ روماندا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلۇشى، بالىلىق - ئۆسمۈرلۈك دەۋرى، مەكتەپ ھاياتى، ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىنكى جەڭگىۋار پائالىيەتلىرى نىسبەتەن تەپسىلىي، جانلىق بايان قىلىنغان. ئاپتور لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ھەم ئەدىب - سەنئەتكار، ھەم ھەقىقىي ئىنقىلابچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن بولۇپ، روماندىكى ئىزچىللىققا، چىنلىققا قاراپ، ئۇنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتنىڭ بەدىئىي تەرجىمھالى دېيىش مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
قاينام ئۆركىشى | UyghurWiki | UyghurWiki