UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىشېرىپجان داموللا ھاجى

شېرىپجان داموللا ھاجى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى شېرىپجان داموللا ھاجى 1917 - يىلى توقسۇن ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ۋە دىنىي زات ئابدۇغوپۇر داموللاھاجى مەۋلۇۋى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1932 - يىلىغىچە توققسۇندا باشلانغۇچ دىنىي مەكتەپتە، 1932 - يىلىدىن 1942 - يىلغىچە توقسۇن بازىرىدىكى مەدرىسەدە ئوقۇيدۇ. 1942 - يىلىدىن 1947 - يىلىغىچە قەشقەر خانلىق مەدرىسە ۋە ساقىيە مەدرىسەدە ئوقۇيدۇ. 1947 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە توقسۇن ناھىيە بازىرىدىكى مەدرىسەدە مۇدەررىس بولۇپ، قوشۇمچە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1958 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شېرىپجان داموللا ھاقى ئازادلىقتىن كېيىن سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، 1956 - يىلى توقسۇن ناھىيلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، 1979 - يىلىدىن 1980 - يىلىغىچە توقسۇن ناھىيە قىزىل بايراق گوڭشىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، 1981 - يىلى توقسۇن ناھىيلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىس بولىدۇ ۋە شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بەش كىشلىك ئۆمەك تەركىبىدە مىسىر، نېگىرىيە دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ. 1983 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ جامەسىگە ئىمام، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تىيانشان رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، 1984 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ خۇيجىڭى بولىدۇ. شۇ يىلى مەركەز تەشكىللەنەەن دۆلەتلىك ھەق قىلىش تەركىبىدە ھەج قىلىدۇ. 1985 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، 1986 - يىلى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 1990 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. 1991 - يىلى 12 - ئايدىن 1992 - يىلى 1 - ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈپىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىساندا زىيارەتتە ۋە ئۆمۈر ھەج پائالىيىتىدە بولىدۇ. 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مىللەتلەر، دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 10 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن خۇيجاڭى، 1994 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى