زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي توپلىمى بولۇپ، مۇھەممەت پولات نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامنىڭ <ھېكايە ۋە ئوچېركلار> قىسىمىغا يازغۇچىنىڭ <مۇئەللىمنىڭ خېتى>، <ماغدۇر كەتكەندە>، <چېنىقىش> قاتارلىق 16 پارچە ھېكايە ۋە ئوچېركى؛ <سەھنە ئەسەرلىرى> قىسىمىغا <غۇنچەم>، <گۈلنىسا>، <توي> قاتارلىق تۆت پارچە درامىسى؛ <خاتىرىلەر> قىسىمىغا <ئاتا - ئانىمىز>، <كونا مەكتەپ> قاتارلىق 18 پارچە ئەسلىمىسى؛ <ماقالىلەر> قىسىمىغا <ماكسىم گوركىي> قاتارلىق 10 پارچە ماقالىسى؛ <مەسەللەر ۋە چۆچەكلەر> قىسىمىغا <چۈجە بىلەن سېغىزخان>، <قۇشچى بىلەن چاشقان>، <ئالتۇننىڭ تەسىرىدە> قاتارلىق 10 پارچە مەسەل - چۆچىكى كىرگۈزۈلگەن.