ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، ئابلىمىت ئىسمائىل بىلەن ماخمۇت ئىسلام يازغان، ھازىرقى - بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس كىتاب بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلغان. بۇ، شۇ ماۋزۇدىكى كىتابلارنىڭ 1 - قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھازىرقى - بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ پېشۋالىرىدىن، ئەدەبىياتىمىزغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەھمەد زىيائىي، نىمشېھىت، زۇنۇن قادىرى، سەيپىدىن ئەزىزى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەلقەم ئەختەم، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق 69 ئەدىبنىڭ ھاياتى، ئىجادىي پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرى تەھلىل قىلىنغان.