پاشا غوجا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
پاشا غوجا ھاكىمبەگ غوجىنىڭ ئوغلى، ئۇ 1893 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دىنىي مەكتەپتە، كېيىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. پاشا غوجا كىچكىدىن كەم سۆز، مۇلايىم، زېرەك، تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل بالا بولۇپ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى قاتارلىق تارىخىي يېزىقلارنىڭ ھۆسىنخەت نۇسخىسىنى ئۆزلۈكىدىن يېزىپ مەشىق قىلىپ، خەت ئۇسلۇبلىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىدۇ. بۇ ھۆسنخەت مەشىقىدە يېتىلگەندىن كېيىن ھەرخىل يېزىقتىكى بېغىشلىما مەزمۇنىدىكى ھۆسنخەت، كلاسسىك قوليازمىلار، دىيارىمىزدىكى قەدىمكى مەسچىت، مازار، ئىمارەتلەرنىڭ ۋاسا، كاھىش، مېھراب ۋە تاملىرىغا ئويۇپ ھەل بېرىش قاتارلىقلاردا يېتىلىپ، ئۇيغۇرلار قوللىنىپ كېلىۋاتقان تۈز خەت نۇسخىسى، رۇقئى خەت نۇسخىسى، تەئلىق خەت نوسخىسى، ئەسلىيە خەت نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى، يەنە ئىلىم ھەرىپ شەكىلىگە ئىگە نەسخ خەت نۇسخىسى، شەترەنجى كۇفى خەت نۇسخىسى، رەيھانى خەت نۇسخىسى، ئىجازەت خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى ۋە جەللى خەت نۇسخىسى قاتارلىق بىر قاتار خەت نۇسخىلىرىدا كۆپلىگەن ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە رۇسچە يېزىق - تىل جەھەتتىمۇ ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە ۋىۋىسىكىلارنى يېزىشتىمۇ كۆزگە كۆرۈنىدۇ. 1936 - يىلى غۇلجا ياردەم مەكتىپىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە ئۈچ يېزىقتا يازىدۇ.
پاشا غۇجا ھەر قايسى خەت نۇسخىلىرىنى يېزىش، ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئەدەبىي، تارىخىي مىراسلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تىل - ئەدەبىيات، تارىخ بىلىملىرى جەھەتتىمۇ يېتىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەدەبىي ۋە تارىخىي بىلىمى ھۆسىنخەت بىلىمىنى بىرلەشتۈرۈپ بايازچىلىققا كىرىشىدۇ. ھەر قايسى خەت نۇسخىلارنى ئۆرنەك قىلىپ، موللا بىلال نازىم، نىزامىدىن ئاخۇنۇم، نەسۇھا داموللا قاتارلىق شائىرلارنىڭ نەزمىلىرىدىن باياز تۈزەيدۇ ۋە قىزىقچى ئىمىرخان غوجىنىڭ لەتىپىلىرىدىن نۇسخا كۆچۈرۈپ، غۇلجىدىكى مۆتىۋەرلەرگە تەقدىم قىلىدۇ. پاشا غوجا ئۈرۈمچىدە بولغان مەزگىلدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرشىچە، كۆپلىگەن كىتابلارنى ئۆزىنىڭ ھۆسىنخىتى بىلەن كۆچۈرگەن، بەزى چۇۋۇلغان كىتابلارنى شىرازىلاپ، نەقىشلىك مۇقاۋا ياساپ ساقىلىغان، بەزى ئالاھىدە ھۆسنخەتلەردىن ئۆرنەك قالدۇرغان. ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئەجرى 1951 - يىلى باشلانغان ئىجازەت ھەققىنى كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتى داۋامدا يەر ئىسلاھاتى كادىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ قايتۇرۇلمىغان. پاشا غۇجا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە بەزى مۇھىم ئەسەرلەرنى يادا ئالغان بولۇپ، 1948 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» دېگەن توپلانغان توپلانماسلىق سەۋەبى كىرگۈزۈلمىگەن بىر بۆلۈم قوشاق، بېيىتلارنى پاشا غوجا مەزكۇر توپلانغا كىرگۈزگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پاشا غوجا غۇلجا دىيارىدا ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى، ماقال - تەمسىل، بېيىتلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن توپلاشقا كىرىشكەن ۋە توپلىغان قوشاق، ماقال - تەمسىل، بېيتىلارنى تۈرگە ئايرىپ خۇش خەت بىلەن كۆچۈرۈپ، شىرازىلاپ تەييارلاپ ساقلىغان. پاشا غوجا خەلق ئىچىدە زور ئىناۋەتكە ئىگە، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆزىدە غوجىلىق كىبىرىسى ساقلىمىغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ چوڭ - كىچىك، باي - كەمبەغەل، ھاكىم - ئەمەلدار بولۇشتىن قەتئىيىنەزەر، ھەممىگە تەڭ، سىلىق - سىپايى مۇئامىلەق قىلغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلىسىدە قاتناش قوراللىرى تولۇق بولسىمۇ، ھەر ۋاقىت پىيادە مېڭىشنى ئادەت قىلغان. باشقىلار ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئات - ئۇلاغ تۇرۇپ پىيادە يول يۈرىسىز دېگەندە، ئۇ «باشقىلارنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىشنى باشقىلارنىڭ سالام تەۋرازۇلىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى خالىمايمەن» دېگەن.
شۇ كۈنلەردە پىشقەدەملەر ئارا ئىلى ناخشا - مۇزىكىلىرى ۋە چالغۇچىلار توغرىسىدا سۆز بولغاندا ھەممە كىشى بىر ئېغىزدىن پاشا غوجىدەك قولى يۇمشاق، چەككەن ھەربىر تارىسى كىشىگە ئېسستېتىك زوق بېغىشلايدىغان سازەندە كەم، دەپ تەرىپ قىلىشىدۇ. دېمىسىمۇ پاشا غوجا ئىلى ناخشا - مۇقاملىرىنى خېلى پۇختا بىلىشنىڭ سىرتىدا چېلىشتىمۇ كامالەتكە يەتكەن، سەيلى - ساياھەت، بەزمە - باراۋەتلەرنىڭ سورۇن مۆتىۋەرلىرىدىن ئىدى. خەلق ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ئۆتكەن پاشا غۇجا 1962 - يىلى 12 - ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.