UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئاخىرقى كۈلكە

ئاخىرقى كۈلكە

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ماخمۇت مۇھەممتنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلىنغان. توپلامغا <نەزمەت كۆلەڭگىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى>، <يۈرەك چىدىمايدىكەن>، <ئاخىرقى كۈلكە>، <ھاسان قايماقنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى> ناملىق پوۋېستلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ پوۋېستلاردا تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردا يورۇتۇلغان. توپلامنىڭ ئاساسىي قىسمىنى يازغۇچىنىڭ مۇھىم ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە تەۋە ساتىرىك ژانىردىكى ئەسەرلەر ئىگىلىگەن. <نەزمەت كۆلەڭگىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى> ۋە <ئاخىرقى كۈلكە> قاتارلىق پوۋېستلار ئەنە شۇنداق ئەسەرلەر.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئاخىرقى كۈلكە | UyghurWiki | UyghurWiki